باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش قەھرىمانى ئەنۋەر ئەھەتنى ئەسلەيمىز

2014.07.10 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان،ئامانگۈللەر خەۋىرى:6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئونسۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئارال بازىرى ساقچىخانىسىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خەلق ساقچىسى ئەنۋەر ئەھەت كۈندىلىك تەكشۈرۈش داۋامىدا زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. باشقىلارنىڭ زىيان زەخمەتكە ئۇچرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇ زوراۋان ئۇنسۇرلار بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىۋاتقاندا، بىرقانچە يېرىگە پىچاق كىرىپ كېتىپ ئېغىر يارىلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 27 يېشىدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى.

  ئەنۋەر ئەھەت 2009-يىلى پارتىيەگە كىرگەن، 2012-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، ھايات ۋاقتىدا ئارال بازىرى تۆۋەنكى مەكىت ساقچى ئىشخانىسىنىڭ ساقچىسى بولغان. 2014-يىلى 6- ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنۋەر ئەھەت چارلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئادىتى بويىچە دادىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ماڭغانلىقىنى ئېيتىدۇ ھەم دادىسىغا سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشنى جېكىلەيدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ دادىنىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاڭلىشى بولۇپ قالىدۇ.

  دادىسى ئەھەت مەمەت مۇنداق دېدى: ئوغلۇم ساقچىخانىدىن، يېزا-كەنتتىن ئېلىپ تېخى قايتۇرمىغان نەرسىلەر بولسا مەن قايتۇرىمەن، بۇ مېنىڭ بۇرچۇم.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئارال بازىرى تۆۋەنكى مەكىت ساقچى ئىشخانىسىغا كېلىپ ئوغلى ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى يىغىشتۇردى ۋە مەرھۇم ئوغلى ھايات ۋاقتىدا ئالغان قەرزلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇردى. دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى قان ئىزىنى كۆرگەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈن سېلىپ يىغلاپ، ئوغلىنىڭ يۈزىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ كۆرەلمىگەنلىكىگە ئېچىندى.دادىسى ئەھەت مەمەت مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيە ئەزاسى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالىدۇقمۇ-يوق بىلمەيمەن. بىراق ئوغلۇم پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر پارتىيە ئەزاسى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلدى.

  ئارال بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتى ناھىيە بازىرىغا خېلى يىراق بولۇپ، ئادەتتە خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولغان ئەنۋەر ئەھەت ئۆيگە ناھايىتى ئاز قايتاتتى. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى 10-ئىيۇن بولۇپ، يەنە 3 كۈندىن كېيىن ئەنۋەر ئەھەتنىڭ 27 ياشقا توشقان تۇغۇلغان كۈنى بولاتتى. خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئەنۋەر ئەمەت ئىككى خىل تىلغا پىششىق بولۇپ، كەنت ساقچى ئىشخانىسىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتۈپلا قالماي، ئەتراپىدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرەتتى. ئەنۋەر ئەھەت ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن خىزمەتداشلىرى ۋە دېھقانلار تولىمۇ ئەپسۇسلاندى.
ئارال بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنت ساقچى ئىشخانىسىنىڭ ساقچىسى لى جىڭ مۇنداق دېدى: بىز خۇددى قېرىنداشتەك بولۇپ قالغان ئىدۇق. ئەنۋەرجان بىر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتكە سەزگۈرلۈك بىلەن ھۆكۈم قىلىپ كەسكىن بىرتەرەپ قىلدى. ئەگەر ئەينى چاغدا ئۇ كەسكىن بىرتەرەپ قىلمىغان بولسا نەق مەيداندا تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ ئامماتالاپەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىدى.
ئەر ئاتا-ئانىسى دائىم ئوغلى ھايات ۋاقتىدىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ، خۇددى ئوغلى يېنىدا باردەك ھېس قىلدى. ئوغلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلغان چاغدىكى سىماسىنى ئەسلىگىنىدە دادىسى ئەھەت مەمەت ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. ئەنۋەر ئەھەتنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك ئەنۋەر ئەھەتنىڭ قۇربان بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىش بىلەن بىرگە پۇل ئىئانە قىلىپ، تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قەھرىمانىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بولغان كۆڭلىنى ئىپادىلىدى.
ئەنۋەر ئەھەت جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ياش ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. 16 پارتىيە ئەزاسى بار بۇ چوڭ ئائىلە زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن قىلچە قورقۇپ قالمىدى ۋە قەتئىي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
دادىسى ئەھەت مەمەت مۇنداق دېدى: زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلار مىللەتلەرئىتتىپالىقىغا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنى تەل تۆكۈس يۇقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېررورچى ئۇنسۇرلار ئۈزۈل كېسىل يوقالغاندىلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

مۇخبىرلار: ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدە

مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر