باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

«كۈنلىرىمىز بەك مەنىلىك ئۆتىۋاتىدۇ»

2014.07.13 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى فەرھاد خوجا ئەپەندى كىچىكىدىنلا پۇتبول مەستانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ 2014 – يىلىنىڭ تومۇز ئايلىرىدىكى نۇرغۇن تۈنلىرى تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر كېلىدىغان بۇ دۇنياۋى پۇتبول مەرىكىسىگە ئىشتراك قىلىش، دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى بىلەن مەيدان كەيپىياتىدا ئورتاقلىشىش بىلەن ئۆتتى.

  ــــ مەن كىچىگىمدىنلا پۇتبولغا بەك قىزىقاتتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىمدا، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى مەھەللىمىزنىڭ مەيدانىغا يىغىلىپ، كىچىككىنە رەڭسىز تېلېۋىزوردا كۆرەتتۇق. ئۇ چاغلاردا مۇسابىقە ئەھۋالى نەق مەيداندىن بېرىلمەيتتى. بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ئاندىن مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرەلەيتتۇق. ھازىر ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ، خۇددى نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلەلەيمىز. ھازىر ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بىۋاسىتە ئاڭلىتىش بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كەلدى. دوستلار، ئۇرۇق – تۇغقانلار، قولۇم-قوشنىلار ئۆيلىرىمىزگە، ئارامگاھلارغا، تاغلاردىكى داچىلارغا، چايخانىلارغا يىغىلىپ، ئۆزگىچە شەكىلدە كۆرەلەيدىغان بولدۇق. پۇتبول مۇسابىقىسى نوقۇللا بىر مۇسابىقە ئەمەس. ئۇنى كۆرۈش جەريانىدا كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولىدۇ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش كۈچىيىدۇ. ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – ئاغىينىلەر، قولۇم – قوشنىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناقلىشىدۇ. ئومۇمەن بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنى بېيىپ، مەنىۋىيىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ،ــــ دېدى فەرھاد خوجا.

  تەڭرىتاغ رايونلۇق يۇقارقى – تۆۋەنكى قۇۋۇق تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى فەرھاد رىشات يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئولتۇرسا-قوپسا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەققىدە گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى.

  ــــ تۆت يىلدا بىر كېلىدىغان بۇ مۇسابىقە پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بايرىمى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پۇتبول مەستانىلىرىنىڭمۇ بايرىمى. مۇسابىقىنى كۆرۈش ئارقىلىق دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن، پۇتبول چولپانلىرى بىلەن تونۇشقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ توپ تېپىشتىكى ھەر خىل ماھارەتلىرىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ توپ تېپىش جەريانىدىكى ئۆزئارا ماسلىشىشى، بىر – بىرسىگە ياردەم بېرىشلىرىدىن ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق بولغاندىلا بىر نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. بۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ بىكار بولساق، ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي قالاتتۇق. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، كۈنىمىز ناھايىتى مەنىلىك ئۆتىۋاتىدۇ. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئۇيغۇر تىلىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بەزىبىر تېخنىكىلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەلىشىمىزگە ناھايىتى ياخشى ياردىمى بولدى.

  ــــ مېنىڭ توقسۇندا بىر تاغام بار ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكىنىمدە، ئۇ ماڭا ئۆزلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنى ناھايتى قىزغىن، كۆڭۈللۈك كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان، ئۇلار تۇرۇۋاتقان يېزىدا ھەممەيلەن كۈندە بىر يەرگە يىغىلىپ مۇسابىقىنى ناھايىتى قىزغىن كۆرۈۋېتىپتۇ. مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىلىشى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈشكە جەلب قىلىپتۇ. ھەتتا بوۋايلارمۇ قىزىقىپ كۆرۈپ كېتىدىكەن. يېزىدا ھەممەيلەن مەنىۋىيەتكە ئىنتىلىدىغان ياخشى بىر خىل كەيپىيات شەكىللىنىپتۇ. تاغامنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ خېلىلا چوڭقۇرلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلەرنى تىنچ، خاتىرجەم ياشاشقا ئۈندەيدىغان، كىشىلەرنى مەنىۋىي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلدۈرىدىغان بىر پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،ــــ دېدى «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئەزھەر قادىر.

  دۇنيادا ئاياغلاشمايدىغان پۇتبول مۇسابىقىسى بولمايدۇ، ئەمما پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىشىلەرگە يەتكۈزگەن ھوزۇرى، لەززىتى تېزلا تۈگىمەسلىكى مۇمكىن. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلىشى، بىر تەرەپتىن يېڭى پۇتبول مەستانىلىرىنى كۆپەيتسە، ئەڭ مۇھىمى خەلقىمىزگە خۇشاللىق، لەززەت بېغىشلىدى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر