باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

نۇرمۇھەممەد پىدا: بۇ خىزمەتنى ئۈستۈمگە ئالغىنىمدىن خۇشالمەن

2014.07.13 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نۇرمۇھەممەد پىدا «چىمبۇلاق» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىى 2014- يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇرچە نەق مەيداندىن بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىش خىزمىتىدىكى مۇسابىقە چۈشەندۈرگۈچى .

  ــــ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنڭ 2014- يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە بۇ خىزمەتكە مېنى مۇسابىقە چۈشەندۈرگۈچىلىككە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم،ــــ دېدى نۇرمۇھەممەد پىدا ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ،ــــ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن تەرەپ - تەرەپتىن ماتېرىيال توپلاشقا كىرىشتىم، دۇنيا لوڭقىسى تارىخى ھەققىدىكى كىتابلارنى سېتىۋېلىپ كۆردۈم، شۇنداقلا «چىمبۇلاق» تورىمىزغا كۆپ يىللاردىن بۇيان يوللانغان دۇنيا لوڭقىسى پوتبول مۇسابىقىسى ۋە داڭلىق ماھىرلار ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقتىم، شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنى چۈشەندۈرگۈچى بولۇش سالاھىيىتىم ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاشقا تىرىشتىم ، ئەلىۋەتتە بۇ يېتەرلىك ئەمەس ئىدى، چۈنكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كۆرۈرمەنلىرى ئاساسلىقى پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن چۈشەندۈرگۈچىدە مول پۇتبول بىلىمى ۋە ئۇزاق يىللاردىن بېرى توپلىغان تەجرىبىلەر لازىم ئىدى.

  مۇسابىقە باشلانغاندىن بېرى نۇرمۇھەممەد پىدا ئۇزاق يىللىق چۈشەندۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شەۋكەت ئابلىز مۇئەللىم ، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»دىكى ئابلەتجان ياسىن، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىكى ئەنۋەر ئەزىز، پۇتبول سۆيەر مەستانىلاردىن مەمتىمىن مەھمۇت ۋە ئەزھەرجان ئابدۇسالام قاتارلىقلار بىلەن ئىككى ئادەم بىر گورۇپپا بولۇپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئادىلجان ئابدۇقېيوم بىلەن خەلقىمىزگە ئۆز ئانا تىلىمىزدا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ۋە يېقىشلىق ھالدا مۇسابىقە كۆرۈش شارائىتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلىدى.

  ــــ گەرچە مۇسابىقە باشلىنىش ۋاقتى دىيارىمىزنىڭ كەچلىك ئارام ئېلىش ۋاقىتىغا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما چۈشەندۈرگۈچىلەر ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقىتىش خىزمىتىدىكى 50 تىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى ئۆزىنىڭ يۈكسەك تىرىشچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى. خىزمەتلىرىمىزنى ئېتراپ قىلغان ۋە قوللىغان كارخانچىلىرىمىز ئايرىم - ئايرىم ھالدا نەق مەيدانغا كېلىپ يوقلاپ ئۆزىلىرىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكى ۋە ئانا تىلدا مۇسابىقە كۆرۈش ۋە تارقىتىش، چۈشەندۈرۈش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشتى،ــــ دېدى نۇرمۇھەممەد پىدا،ــــ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا خەلقئارالىق نەقمەيدان ئاۋاز ۋە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتنىڭ ئىشلىتىلىشى خەلقىمىزنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىشتىكى مەخسۇس تور بېكىتى قىلىپ بەلگىلەنگەن «چىمبۇلاق» تورىمىزنىڭ سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى توختىماستىن كېلىپ تۇردى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تۆت يىلدا بىر كېلىدىغان دۇنياۋىي مەرىكىدە ئانا تىلدا چۈشىنىشلىك ھالدا كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى ، مۇشۇ خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان كىشىلەرگە ئاپىرىن ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر