باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 2014-يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر (4)

2014.01.21 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەھەر يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنى كونا مەھەللىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك

  ھۆججەتتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەھەر يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مۈلۈك ھوقۇقى بېرىپ، شەھەر يېزا ئامىلىنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش ۋە ئاممىۋى بايلىقنى تەڭ تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىغا باراۋەر قاتناشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا ھۆججەتتە يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەپ، شەھەر يېزىلارنىڭ ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا كۆچمە نوپۇسنى شەھەرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تېزلىتىش بېكىتىلدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى گوشىياڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر قىسىم يېزىلار «ئەخلەتنى شامال ئۇچۇرتۇش ،پاسكىنا سۇنى پارلاندۇرۇشقا» تايىنىۋاتىدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، سۇ توك يول گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ناھايىتى ناچار، گۈزەل يېزىنى قانداق قۇرۇشنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. كەلگۈسىدە ئېلىمىز%70 شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، يەنە تۆت، بەشيۈز مىليون كىشى يېزىدا. يېزا مۇھىتىنى ياخشىلاشتا ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنى ئاكتىپ ئۈستىگە ئېلىپ، ئەسلىمىدىكى كونا مەھەللىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك.

  يې شىڭچىڭ مۇنداق دېدى: گۈزەل يېزا ، دېھقانلارغا گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يۇرت بەرپا قىلىش ئارقىلىق، يېزىلاردا قېپقالغان دېھقانلارنى تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش، بۇ ئارقىلىق شەھەر يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈپ، شەھەر يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت پەرقىنى كېچىكلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن 1-دىن كىشىلەرنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يەر، تۇرالغۇ قاتارلىق مۈلۈكنى قوغداش، 2-دىن ھەم كىرەلەيدىغان ھەم قېپقالايدىغان قىلىپ، دېھقانلارنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىگە سىڭىپ كېرىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر