باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 2014-يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر (2)

2014.01.21 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېتىزلاردىن تاماق ئۈستىلىگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانىدىمۇ سۈپىتىدىمۇ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

  ھۆججەتتە مۇنۇلار بېكىتىلدى: يەرنى قانداق تېرىشنى ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ياخشى يەردە سۇ كەمچىل بولۇش بايلىق مۇھىت چەكلىمىسىنى ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا بۇرۇلۇش ياساشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى يېيىش، بىخەتەر يېيىشنى ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ ئەلا سۈپەتلىك بىخەتەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي ۋە تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى چىن فۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن تېخنىكىغا تايىنىش» دىن ئىبارەت فاڭجېن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بۇ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىغا كۆتۈرۈلدى.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىي يېزا ئىقتىسادى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يې شىڭچىڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسى زور يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى ئىستراتېگىيەدە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىندى. ئېچىۋېتىلگەن مۇھىتتا، ئىككى بازاردىكى ئىككى خىل بايلىقنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاش بىز ئېلىپ بارغان زور تەڭشەش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋقە دۆلەت ئىچىدىكى يېمەك ئىچمەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قارىتىلدى، تاماقنى ئۆز قولىمىزدا تۇتۇش مەيدانى ئۆزگەرمىدى، مەملىكەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پەن تېخنىكىغا تايىنىپ، ئاشلىققا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ھۆججەتتە: بارلىق جەرياننى قاپلايدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىگىلىكى يېزا تەرەققىيات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ فېڭتيەن بۇنىڭغا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ھۆججەتنىڭ ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى سانغا ئەھمىيەت بېرىشتىن سانى بىلەن سۈپىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە بۇرۇلۇش ياسالدى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۇسۇلىدا سان ۋە سۈپەتنىڭ بىردەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ نۆۋەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېشىنىش كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ۋاسىتىسى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دۇڭياڭنىڭ قارىشىچە، ھۆججەتتىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا ئۇنىڭدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى گەۋدىلىك تەكىتلەنگەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىدە مەسىلە بايقالسا شەخسنىڭ ۋە تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلەتتى، بۇ قېتىم ئېنىق قىلىپ يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان بولدى ھەمدە باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تورىنى كېڭەيتكەندە يېمەكلىك بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر