باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 2014-يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر (3)

2014.01.21 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىكولوگىيىلىك قوغداش تۆۋەن چېكىنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

  ھۆججەتتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېكولوگىيەگە ماس يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقلىرىنى دەم ئالدۇرۇش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ئورمان، يايلاق، نەملىك، سۇ تۇپراقنى ساقلاش قاتارلىق ئېكولوگىيە تولۇقلىما تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورمان تولۇقلىمىسى، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ، دەريا مەنبىيى رايونى، مۇھىم سۇ مەنبىيى، مۇھىم سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئوڭشاش، تىزگىنلەش رايونى ۋە يىغىلىپ قالغان كەلكۈن سۇ رايونى ئېكولوگىيەسى تولۇقلىما مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېڭ گوچياڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىق مۇھىتى بەرداشلىق بېرىش چېكىگە يەتتى. يەرنىڭ ئېغىر مېتال بىلەن بۇلغىنىش، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق تارتىلىشى، خىمىيىلىك ئوغۇت ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ياخشىلىنىشى كېرەك. تېرىلغۇ يەر، ئورمانچىلىق يېرى، سۇ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك بايلىقلىرىنى دەم ئالدۇرۇش پەيتى يېتىپ كەلدى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا تەرەققىيات ئۇسۇلدا تۈپتىن ئۆزگىرىش ياسىغىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى دەم ئالدۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشلۈك تەدبىرلىرى بولۇشى، دېھقانلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلىرى يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ۋارسلىق قىلىشتەك تارىخى مەسئۇلىيەتنى زېممىمىزغا ئېلىپ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا ياخشىراق تۇپراق قالدۇرۇپ كېتىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ۋە تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسى بايلىق ۋە مۇھىت ئىقتىسادى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ لىجى مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يول جەھەتتە پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، سۇ، دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىلىك ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەرەققىيات نىشانىدا ھەم ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئويلىشىش ھەم يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى دەپ دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش كېرەك. تەرەققىيات قەدىمىدە مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەشتە چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي پىلانلاش كېرەك. مەسىلەن ئالدى بىلەن ئېغىر بۇلغانغان رايون ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاجىز رايونلارنى قوغداش، ئاندىن تەدرىجىي كېڭەيتىپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇ لىجى مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى پىلانلاشتا، يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە يەنىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى يەردە. رايونلارغا ئايرىپ، دەم ئالدۇرۇشقا ماسلىشىش كېرەك. ئەگەر ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ئاشلىق مەھسۇلات كۆلىمىنى ئازايتىسا، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرمايدىغان رايونلار كۆپەيتىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر كىراخمالى ۋە ئورمانلىق تاغ ئۆسۈملۈك كىراخمالىنى ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن كۈچى تېخى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىدى، تاغ ئورمىنى ئاشلىق مايلىق دان ئىشلەپچىقىرىدۇ، سىترولۇق ئاشلىق تەپەككۇرى بولۇشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر