خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن كەچتىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 25-ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى 91 گە قارشى 141 نومۇر بىلەن ‹1-ئاۋغۇست› كوماندىسىنى قاتتىق ئەدەپلىدى. زور نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرغاندىن كېيىن، CBA بىرلەشمىسىدىكى بىردىنبىر چەتئەللىكلەر يوق كوماندا بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە قارشى تەرەپ مەيدانىدا داۋاملىق يېڭىلدى.
بۇ مۇسابىقىدە ‹1-ئاۋغۇست› كوماندىسى باشلانغاندىكى قىسقىغىنا ئۈستۈنلۈكتىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندا شىنجاڭ كوماندىسى 17 نومۇر ئالدىدا ئىدى، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىككى چەتئەللىك ماھىرنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن، ساھىبخان كوماندا رەقىبىنى بىتچىت قىلىپ، 37 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى چارەككە كىردى. يېڭىش-يېڭىلىش ئېنىق بولغانلىقتىن، ھەر ئىككى تەرەپ، زاپاس ئەزالىرىنى مەيدانغا چىقاردى. مۇسابىقە 91گە قارشى 141 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر