يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ2-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 549، ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل 515 بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.
ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭ چۈنشىيەن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى باشلاندى! دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىدۇ، ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرايلى!›› دەپ جاكارلىدى.