خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-يانۋار، بېيجىڭ-گۇاڭجوۋ تۆمۈر يولى قاتارلىق لېنىيەلەردىن ھالقىپ ئۆتىدىغان خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى گۇساۋشۇ تۆمۈر يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ ساندۇقسىمان لىمى بوشلۇقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك يۆتكەلدى. بۇ بېتون قۇرۇلمىلىق ساندۇقسىمان لىمنىڭ ئېغىرلىقى 17300 توننىدىن كۆپرەك بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى يالغۇز ئايلاندۇرۇلغان ئەڭ ئېغىر قۇرۇلما ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن ساندۇقسىمان لىم يەر يۈزىدىن 10 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، كومپىيوتېردا كونترول قىلىنىدىغان تىرەك ئارقىلىق بوشلۇقتا ئايلاندۇرۇلۇپ، تۆمۈر يولدىن ھالقىتىپ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يەنە بىر تەرەپتىكى ساندۇقسىمان لىم بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ پۈتۈن كۆۋرۈك بولىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر