باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىران 20-يانۋاردىن باشلاپ باسقۇچلۇق كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ(1)

2014.01.15 16:59         مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراگىش 12-يانۋار مۇنداق دېدى: ئىران ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، 20-يانۋاردىن باشلاپ، ئۆتكەن يىلى 24-نويابىر ھاسىل قىلغان جەنۋە باسقۇچلۇق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئاراگىش مۇنداق دېدى: ئىران، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىراننى جازالاشنى بوشىتىش شۇنداقلا ئىراننىڭ قىسمەن مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش بەدىلىگە، قويۇقلۇقى %20 كېلىدىغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئىراننىڭ جەنۋە باسقۇچلۇق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىگە تەييارلىق قىلىپ قويدى.

  بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراننىڭ ئالتە دۆلەت بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى-ئىران پىرزىدېنتى روھانىينىڭ جانلىق ئەمەلىي دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىراننىڭ نېفىت، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلىرىنى جازالىشى ئېغىر تەسىر پەيدا قىلدى ھەمدە ئىراندا ماددىي-ئەشيا يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خەلق بۇنىڭدىن نازارى بولدى. روھانىي جانلىق ئەمەلىي دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ئىرانغا قارىتىلغان جازانى ئازايتتى ھەمدە ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن روھانىينىڭ سىياسىي كۆز قارشى نىسبەتەن بىردەك، ئىراننىڭ يۇقىرى قاتلىمى بۈگۈنكى كۈندە تەدرىجىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئۇزاقتىن بۇيانقى«قاتتىق پوزىتسىيە» ئىرانغا نىسبەتەن پايدىلىق ئەمەس، جازالاشنى بۇشۇتۇش ئۈچۈن ئىران چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدە يول قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  يەنە بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جەنۋە باسقۇچلۇق كېلىشىمىنى تېزدىن ئىجرا قىلىش-ئىرانغىمۇ، ئامېرىكىمۇ پايدىلىق. ئىران ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق مۇھىت يارىتىشقا ئېھتىياجلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇزاق مۇددەت يېتىم قىلىش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتكە سىڭىپ كېرىپ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى سىياسىي تەسىرىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئامېرىكا بولسا سۇرىيە مەسىلىسى، ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈش، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايون ئىستراتىگىيەسىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە نۇرغۇن زېھنىنى سەرىپ قىلدى، سۆھبەت ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو تۈرى قەدىمىنى ئاستىلىتىشنى ئويلىدى.

  مۇشۇنداق بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى بىر قىسىم توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە. 1-دىن ئىككىلا دۆلەتتە مۇرەسسەلىشىشكە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك كۈچلەر بار. 2-دىن جەنۋە باسقۇچلۇق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن ئىران بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم مەزمۇنىنى چۈشىنىشى بىردەك بولماسلىقتەك مەسىلىلەرنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 3-دىن ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى قىياس ۋە دۈشمەنلىشىشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈنلەي تۈگىتىش ئاسان ئەمەس.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر