باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئۈچ يىلدىن بۇيان 520 مىڭ توكى يوق نوپۇس ئېلېكتىر گازلاشتۇرۇش تۇرمۇش دەۋرىگە كىردى

2014.01.15 16:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2011-يىلىدىن باشلاپ، ئۇدا ئۈچ يىل توكى يوق نوپۇسنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى» دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 1 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىگە تارقالغان 520 مىڭ توكى يوق نوپۇس ئېلېكتىر گازلاشتۇرۇش تۇرمۇش دەۋرىگە كىردى، بۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى توكى يوق نوپۇسنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىر تورى كېڭەيتىپ قاپلانغان دائىرىدىكى ھەر بىر ئائىلىگىچە توك يەتكۈزۈشنى ئەسلى پىلاندىن بىر يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى شىركىتى يېزا ئېلېكتىر خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەسقەر ئەخمەت مۇنداق دېدى: قالغان 460 مىڭ توكى يوق نوپۇس ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يىراق يېزا كەنتلەرگە مەركەزلەشكەن، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى شىركىتى ئەسلى پىلاندىن بىر يىل بۇرۇن بۇ يەرلىكنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، سېلىنما سوممىسى 2 مىليارد 82 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى بۇيانقى ئەڭ كۆپ بىر يىل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر