باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەنىن زەينىل: ئىلىنى شىمالىي تەڭرىتاغ ئىقتىسادىي بەلبېغىدىكى ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

2014.01.17 18:05   مەنبە: خەلق تورى

مەنىن زەينىل: ئىلىنى شىمالىي تەڭرىتاغ ئىقتىسادىي بەلبېغىدىكى ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 16 – يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىل، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى مەنىن زەينىلنى زىيارەت قىلدىم، ئۇ ئىلى ئوبلاستىنىڭ يېقىنقى تۆت يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ ماڭا مۇنداق دېدى:

  ـــ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان 4 يىلدىن بۇيان ئىلى ئوبلاستى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قېرىنداشلارچە ياردىمىگە ئىگە بولۇپ كەلدى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 474 نەپەر كادىرنى ئىلىغا ياردەمگە ئەۋەتتى، بىۋاسىتە قىلغان ئىقتىسادىي ياردىمى 3 مىليارد 990 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇلارنىڭ %75 خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قارىتىلدى. ئىلى ئوبلاستىنىڭ 2013 – يىللىق بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 68 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2010 – يىلىدىكى 40 مىليارد 826 مىليون يۈەندىن ئۇدا ئۈچ يىل يىلىغا 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %15.1 بولدى؛ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىم 24 مىڭ 895 يۈەنگە يېتىپ، 2010 – يىلىغا قارىغاندا 1.59 ھەسسە ئاشتى؛ ئومۇمىي مالىيە كىرىمى 17 مىليارد 139 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2010 – يىلىدىكى 7 مىليارد 783 مىليون يۈەنگە قارىغاندا 2.2 ھەسسە ئاشتى؛ تۆت يىلدىن بۇيان خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت 207 تۈردىكى قۇرۇلۇشقا 47 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىلدى، بۇنىڭدىن 1 مىليون 120 مىڭ ئاھالە بەھىرلەندى. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى 2010 – يىلىدىكى 6592 يۈەندىن 2013 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا 10 مىڭ 413 يۈەنگە يەتكۈزۈلدى، شەھەر – بازاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىملىيەلەيدىغان كىرىمى 18 مىڭ 350 يۈەنگە يېتىپ، 2010 – يىلىغا قارىغاندا 5350 يۈەن ئاشتى؛ كۆمۈر – خېمىيە سانائىتى، نېفت – خېمىيە سانائىتى، كۆمۈردىن توك چىقىرىش، مېتال تاۋلاپ پىششىقلاپ ئىشلەش، بىئولوگىيەلىك دورا ياساش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى، توقۇمىچىلىق قاتارلىق 10 تۈردىكى ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە نەتىجىگە ئېرىشتۇق. ھازىرغىچە «چىڭخۇا» كۆمۈردىن گاز ياساش سانائەت باغچىسى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك سانائەت باغچىسىدىن ئۈچنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سانائەت باغچىسى رايونىدىن بەشنى قۇرۇپ چىقتۇق. سانائەت باغچىسى كۆلىمى 123 كۋادىرات كلومېتردىن ئاشتى، بۇ يەرگە ماكانلاشقان كارخانىلار 902 گە يەتتى. ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ سانائەت ئېشىش قىممىتى 2010 – يىلىدىكى 8 مىليارد 470 مىليون يۈەندىن 2013 - يىلى 12 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يەتتى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 6 مىليارد 822 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىدە غۇلجا ــ دۆڭمازار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق يېڭىدىن 2976 كلومېترلىق يول ياسىدۇق. غۇلجا پورت ئايرۇدۇرۇمى، موڭغۇلكۈرە ئايرۇدۇرۇمى قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا. كۆلدەنەڭ – قاراجون تەبىئىي مەنزىرە رايونىنى دۇنيا تەبىئىي مىراسلار تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى.قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ھەققىدە مەنىن زەينىل مۇنداق دېدى:

  ـــ قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى «بىر رايون، تۆت باغچە» ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا. تەرەققىيات رايونىدا 23 مىليارد 450 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ 22 تۈردىكى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلار 56 گە يەتتى. ئوبلاستىمىزنىڭ 2013 – يىلى ئېمپورت – ئېكىسپورت سوممىسى 7 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2010 – يىلىغا قارىغاندا 2 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشتى.

  بۇ يىللىق تەرەققىيات نىشانى ھەققىدە مەنىن زەينىل توختىلىپ مۇنداق دېدى:

  ـــ ئوبلاستنىڭ بۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بۇلتۇرقىدىن %17 ئاشۇرىمىز، جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمىنى %18، جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغنى 2013 – يىلىغا قارىغاندا %18، سانائەت ئېشىنچە قىممىتىنى %25.8، ئېمپورت – ئېكىسپورت سودا سوممىسىنى %20، شەھەر – بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىملىيەلەيدىغان كىرىمىنى بۇلتۇرقىدىن %15، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمىنى بۇلتۇرغا قارىغاندا مىڭ يۈەن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە غۇلجا شەھىرى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئىلى دەرياسى 3 – كۆۋرۈكى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىمىز. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ