باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىلدى

2014.01.17 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىلدى. يەر ئىسلاھاتى بۇنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى. ھازىر ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يەر ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مۇنازىرىسى سەل كۆپۈيۈپ قالدى. بەزىلەر ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىنىڭ تېزرەك بولۇشىنى، سائىرىسىنىڭ كەڭرەك بولۇشىنى ئۈمۈت قىلماقتا. دۆلەت زىمىن بايلىقى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستېرى جياڭ دامىڭ 10-يانۋار ئېچىلغان مەملىكەتلىك دۆلەت زىمىنى بايلىقى خىزمىتى يىغىنىدا: يەر ئىسلاھاتى مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەرئىي ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ھە-ھۇ دەپ، نەتىجە چىقىرىشقا ئادىراپ كېتىشكە بولمايدۇ، پىلاننى ئوبدان تۈزۈۋېلىپ ئاندىن ئىش باشلايمىز، دەپ تەكىتلىدى.

  جياڭ دامىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر ئىسلاھاتىدا ئاساسىنى چىڭ تۇتۇش، ئالدىن سىناق قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىنى چىڭ تۇتقاندا ھەر قانچە ئىسلاھ قىلغان بىلەنمۇ يېزا يەرلىرىنىڭ كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولۇش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىۋەتكىلى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئازايتىۋەتكىلى، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى كېمەيتىۋەتكىلى، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

  يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەلشتۈرۈش بىر پارچە قاتتىق سۆڭەككە ئوخشايدۇ. بۇ تۈردىكى ئىسلاھاتتا دېھقانلار ئۆيلۈك يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا، تۇرالغۇ مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كۆرۈگە قويۇش، كېپىل بولۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق مۈلۈك خاراكتىرلىك كىرىمگە ئىگە بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈدۇ. شەھەرلىكلەر يېزىدىن بىرەر پارچە يەر سېتىۋېلىپ ئۆي، داچا سالالايدىغان-سالالمايدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈدۇ. جياڭ دامىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدە ئومۇمىي پىلانغا ئۇيغۇن بولۇش، بىر ئائىلەنىڭ بىردىن ئۆيى بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىمىز. ئۆيلۈك يەر ئېلىش، تەقسىم قىلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى يەنىمۇ مۇھاكىمە قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈمىز. لېكىن، شەھەرلىكلەرنىڭ يېزىدىن يەر سېتىۋېلىپ ئۆي سېلىشى شەھەر-بازارلىشىشقا قارشى ھەرىكەت ھىساپلىنىپ، بۇنىڭغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ھەر قايسى جايلار تېرىلغۇ يەر تېلۇقلىمىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، تېرىلغۇ يەرنى 1 مىليارت 800 مىليون مودىن كېمەيتىۋەتمەسلىك چېكىنى تۇتۇپ تۇردى. شۇنداقتىمۇ سانغا ئىتىۋار بېرىپ، سۈپەتكە سەل قارايدىغان ئەھۋاللامۇ ساقلاندى. جياڭ دامىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىشكە كۆپ تەرەپتىن تۇتۇش قىلىمىز: بىرىنجىدىن، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش تولۇقلىمىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. بۇندىن كېيىن تولۇقلىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نىشان قىلىنىدۇ. تېرىلغۇ يەرنىڭ سانىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. بىر تۇتاش پىلانلاش، ئالدىن بىلەن سېلىپ ئاندىن تولۇقلىما بېرىش، سۈپەتلىكىنى ئىگىلىگەن بولسا سۈپەتلىك يەر تولۇقلاپ بېرىش، سۇلۇق ئېتىزنى ئىگىلىگەن بولسا سۇلۇق يەر تولۇقلاپ بېرىشتە چىڭ تۇرىمىز.

  ئىككىنجىدىن، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى ئايرىپ مۇقىملاشتۇرىمىز. تەرەققىيات كۆلۈمىنى كونترول قىلىشنى نوپۇسى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىن باشلاپ، چوڭىنى كىچىكلىتىپ، ھەر تۈرلۈك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر بازارلارنى تەدرىجى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. يېقىندىن يىراققا، شەھەر ئەتراپىدىن كەڭ يېزىلارغا كېڭەيتىپ، بارلىق ئاساسىي ئېتىز-ئېرىقنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز-ئېرىقنىڭ دائىرىسى ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەر قۇرۇلىشى بۇنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ، زەنجىرسىمان، گۇرۇپپا شەكلىدە، كىچىك شەھەر شەكلىدە تەرەققى قىلىشى كېرەك. بۇ ئاساستا يەنە شەھەرلەرنىىڭ يەر ئىشلىتىش پىلانى ۋە شەھەر قۇرۇلىشى پىلانىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات چەك چېگرىسىنى تېزدىن مۇقىملاشتۇرۇش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىمۇ ئايرىلىدۇ.

  ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى شەھەرلەردە ھەر بىر كۋادرات كىلومېتىر يەرگە 7000دىن ئارتۇق ئادەم توغرا كېلىدۇ. بۇ پۈتۈن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر بىر كۋادرات كىلومېتىر يەرگە 10 مىڭدىن ئادەم توغرا كېلىش ئۆلچىمىدىن خېلىلا تۆۋەن. يۇقۇرى كۆتۈرۈش يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. ھازىر شەھەر-بازارلاردا سانائەت-كان قۇرۇلىشىغا يەر ئىشلىتىشتە تۆۋەن ئۈنۈمدە پايدىلىنىۋاتقان يەر 5000 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر قۇرۇلىشى رايونىنىڭ %11نى تەشكىل قىلىدۇ.

  جياڭ دامىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە يەر بايلىقىدىن تىجەشلىك تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىش ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلۇپ، يەر ۋە كان مەھسۇلاتى بايلىقىدىن تىجەشلىك تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىش سەۋىيەسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلىدۇ. مەركەز مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شەرىقتىكى 3 چوڭ شەھەرنى توپ تەرەققى قىلدۇرۇشتا جانلىق ساقلىنىدىغان يەر مىقتارىنى ئاساس قىلىش، بۇندىن كېيىن شەرقى رايونلاردا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەر بىلەن تەمىنلەشنى تەدرىجى ئازايتىش، نوپۇسى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان پەقۇلاددە چوڭ شەھەرلەردە قۇرۇلۇشقا پىرىنسىپ جەھەتتىن يېڭىدىن يەر كۆپەيتىپ بەرمەسلىك كېرەك. سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە تۇرالغۇغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ مۇۋاپىق سېلىشتۇرما باھاسىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەش مىخانىزمىنى ئورنۇتۇپ، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش، سائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەرگە باھا قويماسلىق ياكى تولۇقلىما بېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى ئېچىش بازىرىنىڭ تەقسىماتىنى زوچ كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر-يېزا يەرلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يەرنىڭ ئاستىنىمۇ ئۈستىنىمۇ ئېچىشقا ئىلھام بېرىش، ئاساسى ئەسلىھەدىن ئۇنۋېرسال پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. يەر ئىجازىتىنىڭ شەرتىنى چىڭىتىپ، يەر ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا باھا قويۇش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر