باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇتەللىپ ئوبۇل: قەشقەر يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە

2014.01.17 18:09   مەنبە: خەلق تورى

مۇتەللىپ ئوبۇل: قەشقەر يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 16 – يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان، ۋەكىل، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمە ۋالىيسى مۇتەللىپ ئوبۇلنى زىيارەت قىلدىم، ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېقىنقى تۆت يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ ماڭا مۇنداق دېدى:

  ـــ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئېچىلىپ، شاڭخەي، گۇاڭدوڭ،شەندۇڭ قاتارلىق قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر قەشقەرگە ياردىمىنى باشلىغان 4 يىلدىن بۇيان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردىكى تەرەققىياتى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىن تېز بولدى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش چوڭ بولدى، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمى تۆت يىل بۇرۇنقى 3 يېرىم مىڭ يۈەندىن بۇ يىل 6 مىڭ 143 يۈەنگە يەتتى. بۇلتۇر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مالىيە كىرىمى 61 مىليارد 730 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2009 – يىلىغا قارىغاندا بىر ھەسسە قاتلاندى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ۋىلايەتكە قىلغان نەق پۇل ياردىمى 12 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇ پۇلنىڭ %80 يېزىلاردىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، سەھىيە، مائارىپ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلدى، تۆت يىلدىن بۇيان سېلىنغان ئەمىن ئۆي 240 مىڭ يۈرۈشتىن ئاشتى.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدە مۇتەللىپ ئوبۇل مۇنداق دېدى:

  ـــ قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل داۋاملىق تۈردە ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يىلى تەرەققىيات پىلانى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسىنىڭ «12.19» يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويىدۇ، يەنى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمىنى 2013 – يىلىدىكى 6 مىڭ يۈەندىن مىڭ يۈەن ئاشۇرۇپ، 7 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزىدۇ. ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش مائارىپىنى چىڭ تۇتۇپ، تەربىيىلەنگەنلەر سانىنى بۇلتۇرقىدىن يەنە %20 ئاشۇرىدۇ.

  قەشقەر ئالاھىدە رايونى قۇرۇلۇشى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، يەكەن ۋە تاشقورغان ئايرۇدۇرۇمى ھەققىدە مۇتەللىپ ئوبۇل مۇنداق دېدى:

  ـــ ئاپتونوم رايوننىڭ پىلانى بويىچە دۆلىتىمىزنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت بولغان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ رايونى 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئاپرېلدا رەسمىي باشلىنىدۇ، بۇ قۇرۇلۇشتا ئاساسلىقى ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، تەجرىبە بىناسى، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئاساسلىق پۈتكۈزۈلىدۇ، كۆلىمى 2 مىڭ مودىن ئارتۇق يېڭى مەكتەپ رايونى پۈتكەندىن كېيىن 8 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ يېڭى مەكتەپ رايونىدا ئوقۇيالايدۇ. مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پروفېسسور ياكى دوكتۇرلار قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېغا كېلىپ دەرىس ئۆتسە، شۇ يىلىلا كۆلىمى 120 كۋادىرات مېتر كېلىدىغان بىر يۈرۈش يېڭى ئۆيگە ھەقسىز ئېرىشەلەيدۇ، 8 يىلغىچە دەرىس ئۆتسە بۇ ئۆي شۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە ئۇلارغا تۈرلۈك تولۇقلىما، دەرىس تەتقىقاتى خىراجىتى ئايرىم ئاجرىتىلىدۇ؛ بۇ يىل داۋاملىق تۈردە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىياتى رايونى قۇرۇلۇشى تېز ھەم چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلىنىپ، ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ قىلىپ چىقىلىدۇ. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، شېنجېن كەسىپلەر تەرەققىياتى رايونى، شېنجېن شەھەرچىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى تېزلىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ جۈملىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى» دىكى تەسىر كۈچى تېخىمۇ زورايتىلىدۇ؛ قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل يەنە داۋاملىق تۈردە 560 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، يەكەن ناھىيە بازىرىغا 20 كلومېتر كېلىدىغان يەكەن ئايرۇدۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بارىدۇ. پىلان بويىچە 2015 – يىلى قاتناش باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى» ۋە جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولغان تاشقورغان ئايرۇدۇرۇمى قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشىغا داۋاملىق كۈچەيدۇ. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ