باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى

2014.01.17 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي تۈنۈگۈن ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆزئارا زىتىغا تېگىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللانماي، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ھازىرقى مۇقىم ۋەزىيىتىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىر مۇخبىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا چاۋشيەن بۈگۈن: ئامېرىكا، كورىيەنىڭ 2-3-ئايدا ئۆتكۈزىدىغان يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى بىۋاسىتە خىرىس پەيدا قىلىدۇ،دەپتۇ جۇڭگومۇ شۇنداق قارامدۇ؟ دەپ سورىغاندا خوڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل ئېنىق، بىز چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، بۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  خوڭ لېي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن نازۇك، بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆزئارا بىرى بىرىنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشتىن ساقلىنىپ، نۆۋەتتىكى مۇقىم ۋەزىيەتنى ساقلىشى ۋە مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر