روڭ ئىنىكئانا
بۇ بىر پېرسوناژ بەلكىم بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن، ‹مەلىكە خۇەنجۇ› فىلىمىدىكى روڭ ئىنىكئانا خانىشنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن ئۆزىچە ھەددىدىن ئېشىپ، زورلۇق-زۇمبۇرلۇق قىلىپ، رەقىپلىرىگە رەھىمسىزلىك بىلەن زەربە بېرىدىغان ناھايىتى تىپىك سەلبىي پېرسوناژ. ‹مەلىكە خۇەنجۇ› قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، روڭ ئىنىكئانا دېگەن بۇ ئىسىممۇ باغرى تاش، ۋاستىسى قەبىھ كىشىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالدى، كىشىلەر دوستلىرىنى ‹روڭ ئىنىكئانا› دەپ چاقچاق قىلىشىدىغان بولدى.
روڭ ئىنىكئانىنىڭ رولىنى ئالغان لى مىڭچى بۇ بىر رولنى ناھايىتى قاملاشتۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇ رول ئالغان ‹سۇ بويىدا› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ۋاڭ كەمپىرمۇ كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار: بىر نەچچە چولپاننىڭ كونا-يېڭى رەسىملىرىدىن سېلىشتۇرمىلار
بىزگە تونۇشلۇق سىنگاپور تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى بىر قانچە ئارتېسلار