باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ھازىرغىچە 387 جىددىي پاناھلاندۇرۇش ئورنى قۇرۇلدى

2014.01.02 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكىتىمىز بويىچە تەبىئەت ئاپەتلىرى ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ ئىكەن، يەر تەۋرەش، قۇم ـ بوران ۋە قار ئاپەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى بۇ يىل پاناھلاندۇرۇش ئورنى قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت سەككىز قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى قىلىپ، جىددىي پاناھلاندۇرۇش ئورنى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن. ئاپتونوم رايون شەھەرلەرنىڭ جايلىشىشى ۋە نوپۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆكەرتىلگەن جاي، مەكتەپ، باغچە، مەيدان قاتارلىق ئورۇنلاردا 179 جىددىي پاناھلاندۇرۇش ئورنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە سۇ، توك تەمىنلەش، تازىلىق، يۇقۇمدىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاختىلىق كىيىم، يوتقان ـ كۆرپە قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى سەپلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ تەبىئەت ئاپىتى يۈز بەرگەندە يېمەكلىك، كىيىم ـ كېچەك، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتتىكى ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر