باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم جۇڭئۇن كورىيەگە قولىنى ئۇزارتتى، ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

2014.01.02 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن 1-يانۋار يېڭى يىللىق تېلېۋىزور سۆزى قىلىپ، كورىيەگە قولىنى ئۇزاتتى، مىللەت ئارىسىدا ئۆز ئارا تۆھمەت قىلىش ۋە قارىشىلىشىشنى توختىتىپ، شىمال ۋە جەنۇبنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كىم جۇڭئۇن سۆزىدە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋەدە بەردى، بۇ سۆزگە قارىتا تەھلىلچىلەر، بۇ چاۋشيەننىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ماھىيەتلىك تەكلىپ بېرىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىدى. كورىيە ھۆكۈمىتى بولسا ھازىر ئۇلارنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

  كىيوتو ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: بۇ يىل 30 ياش ئەتراپىدىكى كىم جۇڭئۇننىڭ ئاممىغا بىۋاستە يۈز تۇرانە سۆز قىلىشى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى يىللىق سۆز قىلىشى چاۋشيەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆكتەن يىلى 4-ئايدىن بۇيان ئۇنىڭ سۆزىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  چاۋشيەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە تاراتقۇلىرى 1-يانۋار ئەتتىگەندە كىمجۇڭئۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلاتتى. بۇ كىم جۇڭئۇننىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى بولغاندىن كېيىن 2-قېتىم يېڭى يىللىق سۆز قىلىشى. كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: ئۇ 25 مىنۇت سۆز قىلغان، ئۇنىڭ سۆزى ئالقىش سادىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۈزۈلۈپ قالدى، دېدى.

  سىرتىكىلەر چاۋشيەننىڭ يېڭى بىر يىلدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانىنى پەرەز قىلىدىغان بۇ سۆزدە، كىمجۇڭئۇن ئالدى بىلەن ئۆكتەن بىر يىلدا چاۋشيەن ھەر قايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى، بولۇپمۇ ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ قەتئىي ھەرىكەت قوللىنىپ پارتىيەدىكى نۇقسانلارنى تازىلىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى، بۇ ئۆكتەن يىلى 12-ئايدا چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، كىم جۇڭئۇننىڭ ھاممسىنىڭ يولدىشى جاڭسۇڭتېكنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقى ھەمدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  كىم جۇڭئۇن جاڭسۇڭتېكنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي «پارتىيەرىمىز دەل ۋاقتىدا توغرا قاراپ چىقىرىپ، پارتىيەگە قارشى ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى، بۇ پارتىيە ۋە ئىنقىلاپ قوشۇنىنىڭ بىرلىكىنى قاتتىق مۇستەككەملىدى، ئىتتىپاقلىقىمىزنى ھەسسىلەپ كۈچەيتتى» دېدى.

  كىم جۇڭئۇن بىردىن بىر رەھبەرلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى، پارتىيە ۋە ئىنقىلاپ قوشۇنىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان كىچىك ھادىسە ۋە ئامىللاردىن قاتتىق سەگەھ بولۇشنى ھەمدە ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھەل قىلشنى تەكىتلىدى.

  كىم جۇڭئۇن 2013-يىللىدىكى يېڭى يىللىق سۆزىگە ئوخشاش، بۇ يىل 1-يانۋار يېڭى يىلدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكىنى يەنە تەكىتلىدى. ئۇ چاۋشيەن بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىنى ئاساسلىق يۈرۈش قىلىش يۆلىنىشى قىلىدۇ، دېدى.

  كىم جۇڭئۇن شىمال ۋە جەنۇبنىڭ مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالغاندا ئىككى تەرەپنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئورتاق خىتابنامىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەندىن سىرت، بىز پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شىمال ۋە جەنۇبنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايمىز، جەنۇبمۇ ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، دېدى.

  كىم جۇڭئۇن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاۋشيەن بىلەن كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق شارائىتنى چوقۇم يارىتىش كېرەك، ھازىر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز تۆھمەت قىلىش ۋە بىر-بىرىگە ئازار بېرىشلەرنى توختىتىدىغان ۋاقىت بوپ قالدى، مىللەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە يارىشىشىغا زىيان بولىدىغان ھەر قانداق ئىشلارنى توختىتىش كېرەك، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مىللەتكە كۆڭۈل بۆلسە، بىرلىككە كېلىشنى ئۈمىد قىلسىلا چاۋشيەن ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، چاۋشيەن بىلەن كورىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق تىرىشىدۇ.

  كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سۆزى بويىچە، چاۋشيەن جاڭسۇڭتېكنى جازالىغاندىن كېيىن، كورىيە چاۋشيەننىڭ ھەربىي ئېغۋاگەرچىلىك قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن، كىم جۇڭئۇن بولسا بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە كورىيەگە قولىنى ئۇزاتتى.

  كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال مۇناسىۋىتىگە مەسئۇل بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى 1-يانۋار كەچرەك ئىنكاس قايتۇردى، ئۇلار ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ، چاۋشيەننىڭ كورىيەنى داۋاملىق تەنقىت قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، چاۋشيەننىڭ بۇندىن كېيىن پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى ياكى ئۆزگەرتمەسلىكىنى داۋاملىق كۆزىتىمىز دېدى.

  كىم جۇڭئۇن سۆزىدە يەنە دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ، كىچىككىنە تاساددىپىي يۈز بەرگەن ھەربىي توقۇنۇش كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا يەنە بېر قېتىم ئۇرۇش پارتىلىسا، زور يادرو ئاپىتى كېلىپ چىقىدۇ، ئامېرىكا مەڭگۈ بىخەتەر بولالمايدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر