خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋىرى: خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ئاۋات ناھىيەسى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى دولان قەبلىسى مەنزىرە رايونىدا« باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلنى تەبرىكلەش» تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار لوڭقىسىنى تالىشىش ئىشتىن سىرتقى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى ئۈچ كۈن بولۇپ، 1- ئاينىڭ 4- كۈنى ئاياغلىشىدۇ. (ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى