باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياشانغانلار يىقىلىپ كەتسە يۆلەش كېرەكمۇ يوق؟(2)

2013.12.12 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا، بېيجىڭدىكى مەلۇم ئىنتېرنېت تورى شىركىتىنىڭ خادىمى لو جۈن بۇ سوئالغا باشقىچە جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە چوڭ شەھەرلەردە كىشىلىك مۇناسىۋەت بىر قەدەر سۇس بولسىمۇ، لېكىن ئادەم يېنىدىكى ياشانغانلارنى كۆرسە ئانا-ئانىسى يادىغا كېلىدۇ. ياشانغانلارنىڭ يېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەم كۆڭۈل بۆلىمەن. مېنىڭ داداممۇ يۇرتتا ياشىنىپ قالدى، داداممۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. مەن ئۇلارنىڭ يېقىلىپ كەتكەندە كۆڭۈل بۆلۈدىغان كىشىلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، باشقا ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ چوقۇم ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردەمگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  بىيەن شاۋبىن مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ ياشانغانلار يېقىلىپ كەتسە يۆلەش كېرەكمۇ يوق دېگەن مەسىلىنى ئويلاشقا باشلىغانلىقى، جەمئىيەت ئەخلاقىدا مەلۇم دەرىجىدە مەسىلە كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  چۈنكى قىممىتى بولغان ئەخلاقى ھەرىكەتتە ئەخلاق پەزىلەت ۋە مەجبۇرىيەت مۇددىئاسى بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدا پايدا زىياننى، جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىماسلىق ھەتتا قىيىنچىلىققا، ئازابقا يۈزلەنسىمۇ يەنىلا ياردەم بېرىش كېرەك، باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە تەننەرخ مەنپەئەتىنى، پايدا زىياننى ئويلىغاندا، بۇنى ئەخلاق دېگىلى بولمايدۇ.

  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى يۇ جې جۈەن مۇنداق دېدى: ھازىر كۆپچىلىك ياخشى ئىش قىلىمەن دەپ يامانچى بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە بىر خىل سوغۇقلۇق شەكىللەندى. نۇرغۇن جەمئىيەت ئەزالىرىدا پۈتۈن جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر خىل ئۈمىدسىزلىنىش تۇيغۇسى بار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر بىر ئادەممۇ ئۆزى بىر ئىشقا دۇچ كەلسىمۇ باشقىلار ياردەم بېرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

  بېيجىڭدىكى مەلۇم ئىنتېرنېت تورى شىركىتىنىڭ خادىمى لو جۈن مۇنداق دېدى: گەرچە ئاساسىي ئەخلاق ئۆلچىمى ماڭا ياشانغانلارنىڭ يېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۆلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئۇچۇر بومباردىمىنى ئاستىدا مەن ئۆزۈمدە بەزى گۇمانلارنىڭ بولىدىغانلىقىدىن ساقلىنالمايمەن. ياشانغانلارنىڭ يېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە يۆلەش يۆلىمەسلىك مەسىلىسىدە، مەن ئەخلاق جەھەتتە ئىككىلىنىمەن، يۆلىمىسەم ۋىجدانىم ئازابلىنىدۇ، يۆلىسەم نەس بېسىشتىن قورقىمەن، بۇ مەسىلە بەزىدە مېنى ئىنتايىن ئىككىلەندۈرۈپ قويىدۇ.

  جاۋ چۈەن مۇنداق دېدى: ئەگەر مەن 4 ياشلىق قىزىم بىلەن بىرگە كېتىۋېتىپ ياشانغانلارنىڭ يېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەم ھەقىقەتەن ھاڭۋېقىپ قالىمەن، چۈنكى قىزىم بۇ يىل تۆت ياشتا بولۇپ، يەسلىدە ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇلارغا باشقىلارغا ياردەم بېرىش كېرەك،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش كېرەك دەپ ئۆگىتىدۇ، كىتابلاردىمۇ كىچىك دوستلار بوۋاي، مومايلارنى يۆلەپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان سۈرەتلەر بار، ياشانغانلارنىڭ يېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە يۆلىمىسەم قىزىمغا بۇنى قانداق چۈشەندۈرىمەن، ئەگەر يۆلەپ نەس باسسا قىزىمدا پسىخىك تۇمان پەيدا بولسا قانداق قىلىمەن؟ بۇنداق مەسىلىگە مەڭگۈ ئۇچراپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئادەتتىكى ياشانغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، كۆپچىلىكنىڭ ياشانغانلارنى يۆلەش مەسىلىسىدىكى ئەخلاق ئەمدىشىسىمۇ تەدرىجىي ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى. بېيجىڭدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتىن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى ليۇ چى «راستنى ئېيتقاندا مەن بۇنداق ياشانغانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن.» باشقىلارنى قاقتى سوقتى قىلىۋالغان ياشانغان كىشىنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم، زادى قانچىلىك پۇل ئۈچۈن مۇشۇنداق نومۇسسىز ئىشنى قىلىدىغاندۇ؟ ئۇلار سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانمۇ؟ ياكى پەرزەنتلىرى ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمامدۇ؟ دېدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر