باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياشانغانلار يىقىلىپ كەتسە يۆلەش كېرەكمۇ يوق؟(3)

2013.12.12 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ چى مۇنداق دېدى: بۇنداق باشقىلارنى قاقتى سوقتى قىلىدىغان ياشانغانلار يەنىلا ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ، تاراتقۇلار بۇنداق ئەكس دېلولارنىلا چىڭ تۇتۇۋېلىپ يازسا بولمايدۇ، بۇنداق قىلسا خۇددى ياشانغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئۆلۈكىنى ساتىدىغاندەك بولۇپ قالىدۇ، كۆپچىلىك ئاز بىر قىسىم چېكىدىن ئاشقان ۋەقەلەر سەۋەبىدىن بارلىق ياشانغانلار توپىنى خاتا چۈشەنسە بولمايدۇ. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن ئوغلۇم بىلەن بۇ ئىشنى مۇزاكىرىلىشىپ قالدىم، مەن ئۇنىڭغا ئەگەر مەن يىقىلىپ قالسام، ئالدى بىلەن ئۆزۈم يىقىلىپ كەتتىم دەپ قاتتىق ۋارقىرايمەن دېدىم.

  تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، زىيارەت قىلىنغان %87.4 كىشى «ياشانغانلارنى يۆلەش» تىكى ئەخلاق ئەمدىشىسى نۆۋەتتە جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ساقلانماقتا، دېگەن. زىيارەت قىلىنغان %89.4 كىشى ئۆزلىرىدە «ياشانغانلارنى يۆلەش» ئەخلاق ئەمدىشىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دېگەن.

  «ياشانغانلارنى يۆلەش» تىكى ئەخلاق ئەمدىشىسى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىشەنچىنىڭ كەمچىلىكىنىڭ ئىپادىسى. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتىتىنىڭ دوتسېنتى جېن لۇ مۇنداق دېدى: بۇ خەلقتە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان ئەمدىشە ، جەمئىيەتتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ناچارلاشقانلىقى ۋە جەمئىيەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش رىشتىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەرىكىتىگە غايەت زور تەننەرخ ئېلىپ كېلىدۇ. جېن لۇ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە شۇكى ئېلىمىزدە ياشانغانلارنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىنىدىغان قىسمى ئىنتايىن تۆۋەن، ياشانغانلار يىقىلىپ يارىلانسا ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك بولىدۇ، ياشانغانلار ھەتتا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىدىن ئاغرىنىشىدىن ئەمدىشە قىلىدۇ. ئەگەر داۋالاش كاپالىتى ياشانغانلارنىڭ بۇ يۈكىنى يېنىكلەتكەن بولسا، ئۇلارمۇ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويمايدۇ، بۇ بىر تۈزۈم مەسىلىسى.

  يۈ جېجۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياشلار ياشانغانلارنى يۆلەش دېلوسىدا، ھۆكۈم مۇۋاپىق بولمىسا بىر ئەۋلاد بىلەن بىر ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەسلىدە جەمئىيەتتە كىشىلەر ئورتاق ياشايدۇ، ئورتاق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، بۇنداق دېلولار ئەگەر بارغانسېرى كۆپەيسە، كىشىلەر خۇددى ئادەم ئۆزىگىلا تايىنىدىغاندەك، بارغانسېرى ئىلگىرىكىدەك ئىپتىدائىي يالغۇز ياشاشقا يۈزلىنىدۇ، ئېغىرلىرىدا يەنە جەمئىيەتتىكى قارشى كەيپىيات پەيدا بولىدۇ. بۇنداق دېلولارنىڭ ياشلارغا بولغان يوشۇرۇن تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر راستتىنلا مۇشۇنداق كېتىۋەرسە نەچچە ئون يىلدىن كېيىن بىرمۇ ئادەم ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتەك ئەنئەنىۋى ئەخلاق غايىسىغا ئىشەنمەيدىغان بولىدۇ.

  زىيارەت قىلىنغان %59.5 كىشى باشقىلارغا قەستەن قاقتى سوقتى قىلىدىغان ياشانغانلار چوقۇم جازالىشىنى كېرەك دەپ قارىدى

  ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان «ياشانغانلارنى يۆلەش» تىكى ئەخلاق ئەمدىشىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ زىيارەت قىلىنغۇچىلاردىن %59.5 كىشى باشقىلارنى قەستەن قاقتى سوقتى قىلغان ياشانغانلار چوقۇم قاتتىق جازالىنىشى كېرەك، %15.1 كىشى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلىشى كېرەك، %7.2 كىشى ئەدلىيە جەھەتتىكى ھۆكۈمدە چوقۇم جەمئىيەتنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، %5.7 كىشى تاراتقۇلار قىسمەن چېكىدىن ئاشقان مىساللارنىلا سۆزلىمەسلىكى كېرەك، %5.2 كىشى ئالاقىدار تارماقلار كىشىلەرگە قايىل قىلارلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى كېرەك ، %3.1 كىشى جەمئىيەتتە باشقىلارنى قەستەن قاقتى سوقتى قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك دەپ قارىغان.

  يۈ جىجۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپچىلىكنىڭ ياشانغانلارنى يۆلەش ۋەقەسى ھەققىدە غۇلغۇلا قىلىشى كۆپچىلىكنىڭ بۇ ۋەقە ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەسىلىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك بۇ خىل ئىشقا سوغۇق مۇئامىلە قىلسا، ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئەھۋال بولىدۇ. ئەگەر باشقىلارنى قاقتى سوقتى قىلسا كېيىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئۆزى يامان ئىش قىلغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى. تۈزۈم قاتلىمىدىن قارىغاندا، باشقىلارنى قاقتى سوقتى قىلغان كىشى قانۇن جەھەتتىن جازالانسا، بۇ خىل ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى مەلۇم دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

  بيەن شاۋبىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن بەلگىلىمە تاشقى ئامىل، ئەخلاق ئىنساپى بىلەن ئەخلاق غايىسى شەخسنىڭ ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىغان، ياخشى تەرتىپلىك جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق قانۇنىيىتىنى بەرپا قىلىدىغان تۈپ مەنبە. نۆۋەتتىكى كاللىسىغا سىڭدۈرۋېتىدىغان دوگما ئەخلاق تەربىيەسى قېلىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئەخلاق جەھەتتە ئۆز ئۆزىنى سوراش ئاساسىدىكى ئەمەلىيەتچىل ئاقىلانە بولۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ ئەخلاقى پەزىلەت ۋە ئەخلاقتا ئاڭلىق بولۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  جېن لۇ مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: جەمئىيەتتىكى ئىشەنچ رىشتىسىنىڭ ئۈزۈلۈشىنى تولۇقلاش، ئەمدىشىنى ھەل قىلىش، تۈزۈم كاپالىتى زۆرۈر. بەزى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى فوند جەمئىيىتى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ياشانغانلارنى يۆلەشتە قاقتى سوقتى قىلىنغان ئەھۋاللارغا قارىتا، قانۇنى ياردەم ۋە مەبلەغ ياردىمى بېرىپ، مۇشۇ ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئەمدىشىسىنى يېنىكلەتسە، خەۋپ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتسە. گەرچە كۆپچىلىك بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغاندا بەلگىلىك ئەمدىشىسىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمەنكى ئەگەر راستتىنلا مۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ قالسا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.

  تەكشۈرۈشتە زىيارەت قىلىنغان %28.1 كىشى: ياشانغانلارنى يۆلەش ۋەقەسى ئەۋجىگە چىققان بولسىمۇ، ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياشانغانلار يىقىلىپ چۈشسە، كۆرۈپ تۇرۇپ يۆلىمەيدىغانلار يەنىلا ئاز ساندا، كۆپ قىسىم كىشىلەر يەنىلا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ دەپ قارىغان.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر