باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى 2013-يىللىق ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››دىكى شەھەرلەرنىڭ ھەمكارلىق، تەرەققىيات مۇنبىرىدە كارخانىلار توختام ئىمزالىدى (1)

2013.12.02 08:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى 2013-يىللىق ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››دىكى شەھەرلەرنىڭ ھەمكارلىق، تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ كارخانىلار توختام ئىمزالاش مۇراسىمى 28-نويابىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان، ئىران، قىرغىزىستان قاتارلىق بەش دۆلەتتىن كەلگەن كارخانىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 تۈردە توختام ۋە كېلىشىم ئىمزالىدى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى 2013-يىللىق ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››دىكى شەھەرلەرنىڭ ھەمكارلىق، تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ كارخانىلار توختام ئىمزالاش مۇراسىمى 28-نويابىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان، ئىران، قىرغىزىستان قاتارلىق بەش دۆلەتتىن كەلگەن كارخانىلار 15 تۈر بويىچە 858 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق توختام ۋە كېلىشىم ئىمزالىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئىمزالانغان توختام تۈرلىرى ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق، بىيو-تېخنىكا، كارتون، شەھەرلەرنىڭ ئېلېكتىرون ئۇچۇر سەھنىسى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەرلەر ئارا ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىدىن بىرى بار، دۆلەت سىرتىدا يولغا قويۇلغان ھەمكارلىق تۈرلىدىن ئالتىسى بار بولۇپ، توختام ئومۇمىي سوممىسى 425 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر