باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مۇسەللەس كەسىپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تۇرمۇشى سانائەت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى نامىغا ئېرىشتى

2013.12.03 18:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: ئاۋات ناھىيەلىك سودا ئىشلىرى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مۇسەللەس كەسىپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى 2013- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تۇرمۇشى سانائەت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى نامىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ۋىلايەت بويىچە بۇ نامغا ئېرىشكەن تۇنجى ناھىيە بولۇپ قالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «خەلق تۇرمۇشى سانائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىلانى» نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ـــ مەبلەغ ئاز كېتىدىغان، تېز ئۈنۈم كۆرۈلىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەجىمى كەڭ، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىغان ھەمدە بايلىقنىڭ خورىشى ئاز ۋە بۇلغىنىش دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى ، يېنىك توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىك، مەدەنىيەت ئالاھىدىلكىگە ئىگە ئەنئەنىۋى قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «كچىك تاۋار، چوڭ بازار، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تېز بېيىش»تەك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، ئاۋات ناھىيەسى سىياسەت خارەكتېرلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دولان مۇسەللەسى، دولان دېھقانلار رەسىملىرى، كەشتىچىلىك، گىلەم توقۇش، دولان چالغۇلىرى، يىلتىز ئويمىچىلىقى، قاپاق ئويمىچىلىقى قاتارلىق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بايلىقلىرىغا تايىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقلىق مۇسەللەس كەسىپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى بەرپا قىلغان. نۆۋەتتە بۇ بازا ئاساسىي جەھەتتىن ئاۋات دولان مۇسەللەس چەكلىك شىركىتىنى ئاساس قىلغان مۇسەللەس پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپى، ئاۋات بازىرى گىلەم چەكلىك شىركىتىنى ئاساس قىلغان قولدا گىلەم توقۇش كەسىپى، ئاۋات ناھىيەلىك مىللىيچە كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنى ئاساس قىلغان مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم-كېچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، ماشىنا كەشتىچىلىكى، قول كەشتىچىلىكى قاتارلىق مىللىيچە قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپى، ئاۋات ناھىيەلىك دولان مەدەنىيەت كەسىپى ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، دولان قەبىلىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ئاساس قىلغان ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى كەسىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. دەسلەپكى قەدەمدە ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە، مۇسەللەس كەسىپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ ئەمەلىي سېتىش سوممىسى 50 مىليۇن يۈەندىن يۇقىرى بولغان. بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا مۇشۇ كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشچى- خىزمەتچىلەر 1200 دىن ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيەسى خەلق تۇرمۇشى سانائىتى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك مىكرو ئىگىلىك باغچا رايونىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ تاماملىغان بولۇپ، 12- بەش يىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە، مۇسەللەس كەسىپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ ئەمەلىي سېتىپ چىقىرىش ئومۇمىي كىرىمىنى 100 مىليۇن يۈەنگە يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانىنى 3000 دىن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر