باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 2013-يىللىق «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك كۈنى» تەشۋىقات پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

2013.12.03 17:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-دېكابىر، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن 2-قېتىملىق «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك كۈنى». بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىشخانىسى، مائارىپ نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى، قاتناش نازارىتى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى قاتارلىق بىر قانچە ئورۇن بىلەن بىرلىكتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك كۈنى» توغرىسىدا تەشۋىقات پائالىيتى ئېلىپ باردى.

  بۇ يىللىق «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك كۈنى» نىڭ باش تېمىسى «ئاپتوموبىل ھەيدەشتىكى قالاق ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، بىخەتەر، مەدەنىيەتلىك يول يۈرەيلى». ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2013-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 3 مىليون 870 مىڭغا، شوپۇرلار 4 مىليون 70 مىڭغا يەتكەن. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قاتناش ھادىسىسىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %80 قاتناش ھادىسىسى ئاپتوموبىل ھەيدەشتىكى قالاق ئادەت ۋە قاتناش قائىدىسىگە بويسۇنماسلىقتىن كېلىپ چىققان. يېڭى يىل، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق قاتناش ساقچىلىرى كەڭ شوپۇر دوستلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، قاتناش قائىسىدىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەشنى؛ بىرلىكتە قاتناش تەرتىپىنى قوغداپ، بىخەتەر، مەدەنىيەتلىك قاتناش مۇھىتى يارىتىشنى ئەسكەرتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر