باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى لىۋاننىڭ سۈرىيە مۇساپىرلارنى خورلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2013.12.02 10:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  برازىلىيە ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابىردىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەپتىنىڭ 3-كۈنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، سۇرىيەدە توقۇنۇش بولغانلىقى ئۈچۈن سۇرىيە پۇقرالىرى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرى بولغان، بۇنىڭدا لىۋان ئاساسلىق بولۇپ، لىۋانغا قېچىپ بارغان سۇرىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى ئومۇمىي مۇساپىرلار سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭ لىۋانغا مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ئايال مۇساپىرلار شۇ يەردىكى ھۆددىگەر، خوجايىن ۋە شۇ يەرلىك ياردەم بېرىش ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن كوللېكتىپ خورلىنىشقا ئۇچرىغان.

  مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 12 نەپەر ئايال مۇساپىر ئۆزلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان، يەنى ئۇلار باشقىلارنىڭ ئەدەپسىزلىك قىلىشىغا، ھەتتا جىنسى مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلانغان، ئەمما ئۇلار بۇ ئەھۋاللارنى شۇ يەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دوكلات قىلمىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۇلار ئاشكارلىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتىقام ئېلىشىدىن قورققان، ياكى ئۈنۈملۈك بولغان تۇرالغۇ ئىسپاتى قاتارلىقلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىشتىن ئەنسىرىگەن.

  كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى ئاياللار ھوقۇقىغا مەسئۇل بولغان رەئىس لىسا. جەنسىت : «سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن پۇقرالار لىۋانغا بېرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى، بۇ يەردىكى ئاياللار بىخەتەر بولغان مۇھىتقا موھتاج، ھەرگىزمۇ لىۋانغا كېلىپ خورلىنىش ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە، 800 مىڭدىن ئارتۇق سۇرىيە مۇساپىرلىرى چېگرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ لىۋانغا قېچىپ كەلگەن، ئەمما ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان ئادەملەرنىڭ ئومۇمىي سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، يەنى نۇرغۇن ئادەملەر ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنمىغان.

  53 ياشلىق خالانىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىشىچە، ئۇ ئۆزى ۋە تۆت بالىسىنى بېقىش ئۈچۈن، ئالدى-كەينى بولۇپ 10 ئائىلىدە خىزمەت قىلغان، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز ئائىلە ئۇنى خورلىغان. ئەر ئائىلە خوجايىنى ئۇنىڭ كۆكسىنى سىيلىغان، جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغان، ھەتتا ئۇلار ئۇنىڭ 16 ياشلىق قىزى بىلەن توي قىلماقچى بولغان. ئۇ ھازىر خىزمەت قىلىشنى توختاتقان ۋە دىنى جەمئىيەت ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىماقچى بولغان.

  كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتۈپ كەتكەن ئۈچ ئاينىڭ ئىچىدە، لىۋان ئىجتىمائىي ئورگانلىرى مۇساپىر ئاياللارنى خورلاش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغان. مەزكۇر دېلو شۇ يەردىكى سۈنئىي مەزھەپ دىنى تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، ئەمما ساقچى تەرەپكە دوكلات قىلىنمىغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئاياللارنى خورلىغان لىۋان ئەمەلدارى خىزمەتتىن بوشىتىلغان.

  لىۋاندا چەكلىك بولغان بايلىق مەنبەسى ۋە ئاجىز بولغان خەلقئارا ياردەم سەۋەبلىك، ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان سۇرىيە مۇساپىرلىرى لىۋان خەلقىگە ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، لىۋانغا مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ئاياللار شۇ يەردىكى ھۆددىگەر، خوجايىن ۋە شۇ يەرلىك ياردەم بېرىش ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن كوللېكتىپ خورلىنىشقا ئۇچرىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر