باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى

ئاۋات ناھىيسىنىڭ 8- نۆۋەتلىك دېھقان چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنى غەلبىلىك ئاياغلاشتى

2013.12.03 17:53   مەنبە: خەلق تورى

ئاۋات ناھىيسىنىڭ 8- نۆۋەتلىك دېھقان چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنى غەلبىلىك ئاياغلاشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاۋات ناھىيسىنىڭ ئۇدا تۆت كۈن داۋاملاشقان « مول- ھوسۇلنى قۇتلۇقلاپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئاساسىي تېمسدىكى 8-نۆۋەتلىك دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنى دولان قەبىلە مەنزىرە رايۇنىدا غەلبىلىك ئاياغلاشتى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 60 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت ئامما قاتناشتى.

  بۇ قېتىملىق دېھقان- چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنى باشلىنىشى بىلەنلا كىشلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن قىلۋەتتى، باشلىنىش مۇراسىمى ھەر قايسى يېزا (بازار)مەيدانلارنىڭ ئۇسسۇل سەھنىسىگە ئايلاندى. مەيداندىكى ماددىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ۋە مول- مەزمۇنلۇق ئەدەبىي سەنئەت نۇمۇرلىرى « جۇڭگو ئۇزۇن تالالىق پاختا ماكانى»، «جۇڭگو مۇسەللەس يۇرتى»، «جۇڭگو دېھقان رەسساملار يۇرتى»نىڭ گۈزەل مەنزىرسىنى نامايەن قىلسا، مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىش،چېلىشىش، قوچقار سوقاشتۇرۇش، توخۇ سوقاشتۇرۇش، ۋالىبول مۇسابىقىسى، چاق دوملىتىش قاتارلىق قىزىقارلىق، كەسكىن مۇسابىقە تۈرلىرى، تاماشىبىنلارنىڭ ئۆز كوماندىلىرىغا مەدەت بېرىپ ۋارقىرىغان ئاۋازلىرى ئىناقلىقنىڭ، بەخىتنىڭ سىموۋولى سۈپىتىدە مۇسابىقە مەيدانى كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. (ئاۋات ناھىيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلنار تاشتۆمۈر)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…
      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش