باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى

كۇچا ناھىيەسىدە قاپاق ئويمىچىلىقى سەنئىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى(1)

2013.12.03 16:22   مەنبە: خەلق تورى

كۇچا ناھىيەسىدە قاپاق ئويمىچىلىقى سەنئىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى(1)

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى؛ كۇچا ناھىيەسى ئۆز ئورنىنىڭ قەدىمىيلىققا ئىگە بولغان مىللىي ئۆرپ – ئادەت ۋە قۇيۇق بولغان مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە ۋە كۈسەن مەدەنىيىتى تارقالغان جاي بولۇشتەك مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كۈسەن مەدەنىيىتى ماركىسىنى يارىتىپ، غەربى دىيار مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى نامايەن قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 29- نويابىردىن 3- دېكابىرغىچە ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىىلىك كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىدە قاپاق ئويمىچىلىقى سەنئىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى.

  ئالتە كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسىدا بېيجىڭدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار قاپاق ئويمىچىلىقى نەزەرىيەسى، قاپاق ئويمىچىلىقى سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قاپاق ئويمىچىلىقى ئەمەلىي ماھارىتى بويىچە نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەت زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ئەتراپلىق دەرس سۆزلەپ، كۇرسىغا قاتناشقان 30 نەپەردىن ئارتۇق ھەر مىللەت ھەۋەسكارلارنى ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە قىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى كۇچا ناھىيەسىنىڭ قاپاق ئويمىچىلىقى سەنئىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى يېزا، بازارلاردىكى دېھقانلارنىڭ باراڭلىرىدىكى ئادەتتىكى قاپاقلاردىن قىممەتلىك سەنئەت ئەسەرلىرى يارىتىپ، كۇچانىڭ قول – ھۆنەرۋەنچىلىك ۋە ساياھەتچىلىك تەرەققىيانى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىشتا تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

  مۇخبىر (كۇچا ناھىيەلىك پارتىكۇم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…
      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش