باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تۆت تۈردىكى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

2013.12.03 17:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، شىنجاڭدىكى سەنتاڭخۇ-قومۇل 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ، شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ، تۇرپان 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ، ۋۇجيالياڭ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۆت ئېنېرگىيە تۈرى يېقىندا دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى . 12-نويابىر ، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى ‹‹ دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ 2013-يىللىق 3-تۈركۈمدىكى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا قوشۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئالاقىسى ›› بويىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆت تۈردىكى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا قوشۇلغان .

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا ‹‹ دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت، گاز ئىشلەپچىقىرىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە زاپاس بازىسى ، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر ئېلېكتىر ، كۆمۈر سانائىتى بازىسى ، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر بازىسى ۋە دۆلەتلىك ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق تونېلى ›› بەرپا قىلىشتىكى ئومۇمىي تەلەپ بويىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا زور بىر تۈركۈم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە ئىش باشلىنىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر