باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ(1)

2013.12.04 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ئەمدىلا بىر ئاز ياخشىلىنىشى بىلەنلا ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ نازۇك نېرۋىسىغا تەگدى. ئالاقىدار دۆلەتلەر بەڭ سەزگۈر بولۇپ كەتتىمۇ ياكى دانىشمەنمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق.

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە يېقىندا جەنۋەدە دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. بۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشتىكى تۇنجى قەدەم. ناۋادا ئوڭۇشلۇق بولسا، يېرىم يىلدىن كېيىن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. تۇنجى قەدەمنىڭ ئوڭۇشلۇق بېسىلغان بېسىلمىغانلىقى، ئەڭ ئاخىردا نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىش ئاشماسلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. ھالبۇكى، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىر دەسلەپكى كېلىشىم ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ نازۇك نېرۋىسىغا تەگدى.

  بىرىنچى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدىكى ئىلگىرلەش سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىسرائىلىيە، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە قارىتا گۇمانىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىسرائىلىيە قارشى ئىسلام دۇنياسىغا تاقابىل تۇردى؛ ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق پارس قولتۇقى سۈنئىي مەزھىپى دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، شىئە مەزھىپىدىكى ئىرانغا قارشى تۇردى. ئامېرىكا ئەرەب، ئىسرائىلىيە ئارىسىدا سۈنئىي ۋە شىئە مەزھىپى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ تايىنىش نۇقتىسى، بۇ تايىنىش نۇقتىسى بىر ئاز يۆتكەلسە، چوڭ دولقۇن پەيدا قىلىدۇ. 2011-يىلى ئامېرىكا مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇبارەك ھاكىمىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىماي، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەردە ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق پەيتتىكى ئىشەنچىلىكلىكىگە گۇمان پەيدا قىلدى. ھازىر، ئامېرىكا بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسى ھەققىدە مۇرەسسە قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ئېغىرلىتىۋەتتى. مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىسرائىلىيە يەنە ئامېرىكىدىن باشقا تەڭپۇڭلۇق كۈچلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، فرانسىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن يېقىنلىشىشى، مىسىرنىڭ رۇسىيەدىن قورال سېتىۋېلىشى بۇلارنىڭ بىر قىسمى.

  ئىككىنچى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ مۇنتىزىم يادرو دۆلىتىگە ئايلىنىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. 24-نويابىردىكى بىر كېلىشىمدە مۇنۇلار ئېلان قىلىندى: خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھا بەردى، پەقەت ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانىلا كۈچلۈك تەنقىدلەش پوزىتسىيىسىدە بولدى. ئەلۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەت ئىراننىڭ كەلگۈسى يېرىم يىلدا يادرو ئېنېرگىيىسىنى توختىتىشىغا قوشۇلمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى مۇساپىسىنىڭ تاماملىنالماي، مۇشۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا، ئىران نۆۋەتتىكى يادرو كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى يەنە بىر يادرو بوسۇغىسى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ يادرو ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. كېلىشىم ئەمدىلا ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كېلىشىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر