باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تەقەززامىز

2013.12.05 09:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ لېكسىيە ئۆمىكى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى

  ئاپتونوم رايوننىڭ لېكسىيە ئۆمىكى 3 – دېكابىر ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جايلاردا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئاڭلىغۇچىلار: دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكى، تەخىرسىزلىكىنى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭلا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تەقەززامىز، دېيىشتى.

  لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىدا لېكسىيەنى سۈرەت بىلەن يېزىقنى بىرلەشتۈرۈپ جانلىق سۆزلىدى؛ لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭ، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تېگىس زەبېك ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا خەنزۇچە، قازاقچە ئىككى مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى؛ لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى گو يۇڭخۈي، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى خاركىم قومۇل ۋىلايىتىدە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى؛ لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ شياۋلېي، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەلى بارات قەشقەر ۋىلايىتىدە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى؛ لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ‹‹ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دادىللىق بىلەن زېممىمىزگە ئېلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن باش تېمىدا دوكلات بەردى.

  ئاپتونوم رايوندىكى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى 800 گە يېقىن كىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 18 ئالىي مەكتەپتىكى 940 ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۆت رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ئوبلاستقا، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ۋەكىللىرى، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار لېكسىيەنى ئاڭلىدى.

  بۇ لېكسىيەلەردە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەلەپلەر تەھلىل قىلىندى ۋە تەپسىلىي شەرھلەندى، بولۇپمۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، رېئال ئەھمىيىتى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارار››ىدىكى مۇھىم نەزەرىيەۋى يېڭىلىقلار ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىندى؛ قانداق قىلغاندا ‹‹ئالتە مۇھىم مەسىلە››نى ياخشى ئىگىلىگىلى بولىدىغانلىقى چوڭقۇر شەرھلەندى؛ قانداق قىلغاندا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دادىللىق بىلەن زېممىگە ئېلىپ، ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاڭلىغۇچىلار بىردەك مۇنداق دېدى: لېكسىيە ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ دوكلاتى يىغىننىڭ باش تېمىسىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت باغلانغان، مەزمۇنى ئەمەلىي، قائىدىلەر ئېنىق، شەرھلەر چوڭقۇر، ھەم نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقىغا ھەم دەۋر پۇرىقى ۋە كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەپەككۇرىمىزنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ كاندىدات تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى لياڭ رۇڭجيەن مۇنداق دېدى: ‹‹دوكلاتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە دائىر مەزمۇنلار دىققىتىمنى ئەڭ تارتتى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 390 ى بار، بۇ كارخانىلار دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردە غايەت زور رول ئوينىماقتا. بۇنىڭدىن كېيىن، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلارنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئۇلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز››.

  قومۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خەيشېڭ مۇنداق دېدى: نەزەرىيە تەشۋىقاتى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەسئۇلىيىتى. پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى تەشۋىقات خىزمىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا ياخشى ئىشلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور جاڭ شياۋنەن: لېكسىيە ناھايىتى جانلىق، ئەمەلىي سۆزلەندى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا نەزەرىيە ئوقۇتۇشىدىن باشقا، مەكتىپىمىز يەنە ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، ياشلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ چېنىقىش سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىدۇ، دېدى.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەرشىدىن مەمەت: لېكسىيەدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى، بۇنىڭدىن كېيىن مەكتىپىمىز كارغا كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ سەۋىيەسىنى مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس، ئاسپىرانت قاتارلىق كۆپ قاتلامدىن يۇقىرى كۆتۈرىمىز، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر