باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويدى

2013.12.05 10:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ شىيا خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپلەردىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى مالىيە – ئىقتىساد، ماتېماتىكا، خىمىيە، مېھمانساراي باشقۇرۇش قاتارلىق تۆت كەسىپتىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى يېقىندا ئاخىرلاشتى.

  مائارىپ نازارىتى بۇ يىلدىن باشلاپ خېرىدار چاقىرىپ، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرگە ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى ھاۋالە قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى تۆت كۇرسنى شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات مەركىزى، شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش مەركىزى ئۈستىگە ئالدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى ۋە قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۇنجى تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار تەربىيەلەش لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزگەن. شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى تەربىيەلەش مەزمۇنىنى ‹‹ئەمەلىي ئوقۇتۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش››، ‹‹كارخانىلارغا بېرىپ نەق مەيداندا ئۆگىنىش›› ۋە ‹‹داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى››دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلگەن، ‹‹يوڭيوۋ شىنداۋ›› پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەربىيەلەش مەزمۇنىنى كەسپىي كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى ئېھتىياجىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان، مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەربىيەلەش لايىھەسىنى ‹‹ئوقۇتقۇچىلارغا، دەرسخانىغا، ئەمەلىيەتكە يېقىن بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش›› پىرىنسىپى بويىچە تۈزۈپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىملارنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان، تىپىك مىساللارنى تەھلىل قىلىش، ئۈلگىلىك ئورۇنلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، گۇرۇپپىلار ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 20 ئالىي مەكتەپنىڭ 120دىن ئارتۇق ياش ئوقۇتقۇچىسى كۇرسقا قاتناشقان، كۇرسانتلار تەربىيەلەش مەزمۇنى ۋە ئۈنۈمىنى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر