ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 24-نويابىردىن 28-نويابىرغىچە شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈردى.
25-چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يىمېڭ كونا ئىنقىلابىي رايونىدىكى لىنشۇ ناھىيەسىنىڭ ساۋجۇاڭ بازىرىدىكى جۇسۈن كەنتىدە «ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن پېشقەدەم» 83 ياشلىق ۋاڭ كېچاڭدىن ھال سورىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28-نويابىر جىنەندىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇڭا ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلىشى لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى