باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى (5)

2013.11.13 15:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قۇرۇشتا، جەزمەن سىستېمىلىق، تولۇق ئېكولوگىيە مەدىنىيلىكى تۈزۈم تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، تۈزۈم ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كېرەك. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك قوغداش قىزىل سىزىقىنى بەلگىلەپ، بايلىقنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلاش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى شەرت قىلىدىغان كۆرىنەرلىك زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەربىي ئىشلاردىكى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى مەزگىلدىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى، فاڭجېنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. ئارمىيە تۈزۈلمىسىنى تۈزۈش، تەڭشەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە سىياسىتى تۈزۈمىنى تەڭشەش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە – خەلقنىڭ بىرلىشىشىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتكە نەزەر سېلىش، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك، يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا نەتىجە قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەز ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، ئومۇمىي لايىھەنى ئىسلاھ قىلىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلىشىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىك، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك. كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش تۈزۈلمە مىخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنى دادىللىق بىلەن ئىزدىنىش، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئانالىز قىلىندى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ مۇھىم قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىسلاھات تەلىپى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئالغا ئىنتىلىش ئېڭى، پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىزدىنىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، رەھبەرلىك، مەسئۇلىيەتنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇش تەكىتلەندى. مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش، مۇقىم ئاساستا نەتىجە قازىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ، ئاممىغا، بولۇپمۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى داۋاملىق پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى كۆزلىمە نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  ئومۇمىي يىغىندا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – نويابىر تېلېگراممىسى)
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر