باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى (2)

2013.11.13 15:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ ‹‹قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)›› توغرىسىدا يىغىندا چۈشەنچە بەردى.

  ئومۇمىي يىغىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ھەم بىردەك مۇنداق قارالدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ مۈشكۈل ھەم ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 –، 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ، خىرىسلارغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۇنجى يىلىدا ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان 35 يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىرقانچە مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ ئېلىپ بارغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب، ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تاللاش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشتە چوقۇم يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەمكارلىشىپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى بەختلىك قىلىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچنى ئازاد قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزمىدىكى نۇقسانلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر