باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 35 مىليون مودىن ئاشتى

2013.11.12 15:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 35 مىليون مودىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش مەركەزلەشكەن رايونغا ئايلانغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 37 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىدىكەن. تونۇشتۇرۇلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ھاۋا كېلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ بولۇپ، رايون بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كىۋادرات كىلومېتىر يەرنىڭ ھاسىلىي سۇ مىقدارى ئاران 53 مىڭ كۇب مېتىر ئىكەن، بۇ مەملىكىتىمىز بويىچە كەينىدىن سانىغاندا 3 – ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 51 مىليارد 800 مىليون كۇپ مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى %95 نى ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى تېجەش زۆرۈر مەسىلىگە ئايلانغان.

  2008 – يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش مالىيە بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى ۋە ياردەم ئۆسۈملۈك يۆلەش سىياسىتىنى تۈزۈپ يولغا قۇيۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى يىلدا 3 مىليون مودىن ئاشۇرۇشنى بەلگىلىگەن؛ 2012 – يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا، شىنجاڭ مالىيەسىدىن 2 مىليارد 640 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، 12 مىليارد يۈەن ئىجتىمائىي سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 2008 – يىلىدىكى 11 مىليون 740 مىڭ مودىن ھازىرقى 35 مىليون موغا يەتكۈزۈلگەن.

  شىنجاڭ سۇچىلىق تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مو بېشىدا 100 كۇپ مېتىردىن كۆپرەك ئازايغان، ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 50 كىلوگىرام ئاشقان، كېۋەز قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ مو بېشىدىن 700 يۈەن، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە مو بېشىدىن 1500 يۈەن، مېۋە، ئوت – چۆپلەرنىڭ مو بېشىدىن 400 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر