خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گائاگا خەلقئارا سوت مەھكىمىسى 11-نويابىر كامبودژا ۋە تايلاندنىڭ بەيۋېيشيا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ زېمىن ماجراسى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، پۈتۈن بەيۋېيشيا ئىبادەتخانىسى رايونىنىڭ بارلىق زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى كامبودژاغا تەۋە دەپ كېسىم قىلدى. بەيۋېيشيا ئىبادەتخانىسى مىلادى 10-ئەسىردە ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، كامبودژا-تايلاند چېگرا رايونىغا جايلاشقان. كامبودژا-تايلاند ئىككى دۆلەت بەيۋېيشيا ئىبادەتخانىسى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە رايونلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارىختا ئۆزلىرىگە تەۋە دەپ جاكارلىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى