باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روھانى: ئىران ھەر قانداق تەھدىت، ئار-نومۇسقا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمايدۇ

2013.11.12 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران پىرېزىدېنتى روھانى تەختكە چىققاندىن بۇيان ئىران دىپلوماتىيىسى غەربكە ئېچىۋېتىشقا ئاساس سالغۇچىغا ئايلانغان، ئەمما روھانى 10-نويابىر ئىران يادرو سۆھبىتى توغرىسىدا سۆز قىلغاندا ئىران يادرو تۈرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ۋاقتىغا يېقىنلاشتى، ئىران ھەر قانداق تەھدىتتىن قورقۇپ قالمايدۇ شۇنداقلا كۈچلۈك كەمسىتىشكە پىسەنت قىلمايدۇ،-دېگەن.

  تاراتقۇلارنىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روھانى ئىران پارلامېنتىدا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈرگەن، ئىران پارلامېنتى ئىزچىل كونسېرۋاتىپلارنىڭ سورۇنىغا ئايلانغان. ئۈلۈشكۈن ئىران ئالتە چوڭ دۆلەت بىلەن جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپ ئازايدى شۇنداقلا 20-نويابىر سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىش ئارقىلىق نەچچە ئون يىللىق سوغۇق ۋە يېڭى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا بولغان ئەمدىشىنى يوقاتماقچى بولدى.

  ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئىتتىپاقدىشى فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا يىمىرىلىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يېقىنلاشقان، فرانسىيە مۇزاكىرىنى قوللاش كېلىشىمىنى رەت قىلغان ۋە مەزكۇر كېلىشىم ئىراننىڭ يادرو قورال تەتقىق قىلىپ ياساش خەتىرىنى يوقىتالمايدۇ،-دەپ قارىغان.

  فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىئۇس فرانسىيە خەلقئارا رادىئو شىركىتىگە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: پارىژ ئىراننىڭ سۆھبەتتىكى مەيدانىدىن رازى ئەمەس، پارىژ ئۇ ئېيتقان كالۋالار كېلىشىمى كېلىشىمىنىڭ قاتناشقۇچىسى بولمايدۇ. فابىئۇس فرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا مۇنداق دېگەن: ئىران جەزمەن غەربىي قىسىمدىكى شەھەر ئاركتىكا پولونىي ئىشلەپچىقىرىشنى ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىران ئامباردا ساقلاۋاتقان يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئوران ساپلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئىسرائىلىيە ئىزچىل تۈردە ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتىنى جان ئالغۇچ تەھدىت دەپ كەلدى، ئىسرائىلىيە جەنۋەدە ھاسىل قىلىنغان ۋاقىتلىق كېلىشىمنى ئەيىبلەپ، ئىراننى بەلگىلىك يادرو قويۇقلۇق ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى، ئىران يادرو ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇمىدى،-دېدى.

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخو ئىسرائىلىيە بۇنداق سودىدىن چەكلەش كۈچى ھېس قىلمايدۇ، ئەگەر ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە ئۇسۇلى بىلەن ئىراننىڭ يادرو ئالا كۆڭلىنى توسالمىسا ئۇنداقتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدۇ،-دېدى.

  ئىران پىرېزىدېنتى روھانى ئىران پارلامېنت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەن سۆھبەت ۋەكىللىرى ئارقىلىق جەنۋەدە ھەر قايسى چوڭ دۆلەت سۆھبەت ۋەكىللىرىگە «ئىران تەھدىت، جازالاش، ئار-نومۇس ۋە كەمسىتىشلەرگە ھەر قانداق ئىنكاس قايتۇرمايدۇ»،-دېدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر