باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا رادىيو شىركىتى جۇڭگودىن ئاشكارا ئەپۇ سورىدى

2013.11.12 15:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوس ئانژېلېس، 10 – نويابىر تېلېگراممىسى. ئامېرىكا رادىيو شىركىتى (ABC)نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خوپى خارتمان 10 – نويابىر مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز تور بېكىتىدە ئەپۇ سوراپ بايانات ئېلان قىلدى ھەم جۇڭگولۇقلارنى ھاقارەتلەيدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلىش ۋەقەسىنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن، پىروگراممىلارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى چىڭىتىشكە ۋەدە بەردى. مۇخبىر ABC تور بېكىتىدە بۇ باياناتنىڭ 8 – نويابىر ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹ئامېرىكا رادىيو شىركىتى بىلەن جىممى كىممېل سۆھبەت پىروگراممىسى گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق خادىملارغا ۋاكالىتەن، 2013 – يىل 16 – ئۆكتەبىر جىممى كىممېل رىياسەتچىلىك قىلغان <بالىلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى> پىروگراممىسىدا دېيىلگەن گەپ – سۆزلەر توغرىسىدا جۇڭگولۇقلاردىن چىن كۆڭلىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز››.

  باياناتتا مەزكۇر شىركەتنىڭ تەكشۈرۈشتە بىخەستhلىك قىلىپ، مەزمۇندا خاتالىق سادىر قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان ھەم ‹‹بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئېغىر خاتالىقنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن››، كونكرېت تەدبىر قوللىنىلغانلىقى ئېيتىلغان. باياناتتا يەنە: ABC پىروگراممىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ چىشىغا تېگىدىغان بۇ مەزمۇننى ئۆچۈرۈۋەتتى، <بالىلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى> پىروگراممىسىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇردى، دېيىلگەن.

  ABC ئۆتكەن ئايدىكى سۆھبەت پىروگراممىسىدا، رىياسەتچى جىممى كىممېل تۆت خىل ئىرقتىكى تۆت بالىنى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلغان. ئۇ بالىلاردىن ئامېرىكا جۇڭگونىڭ بىر تىرىليون دوللاردىن كۆپرەك قەرزىنى قانداق قايتۇرۇشى كېرەك؟ دەپ سورىغاندا، 1 بالا: ‹‹يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بېرىپ، جۇڭگولۇقلارنى قىرىۋېتىش كېرەك››، دەپ جاۋاب بەرگەن. جىممى كىممېل كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹بۇ قىزىقارلىق تەكلىپ بولدى››، دېگەن. پىروگرامما ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن، چوڭ تەشكىلاتلار ئامېرىكا رادىيو شىركىتى بىلەن جىممى كىممېلنىڭ ئاشكارا ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلغان. جىممى 28 – ئۆكتەبىر كەچتىكى پىروگراممىسىدا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى گەپ – سۆزلەر توغرىسىدا ئەپۇ سورىغان، ئەمما كىشىلەر قايىل بولمىغان. 9 – نويابىر ئامېرىكىدىكى مۇھاجىرلار بىلەن جۇڭگولۇقلار لوس ئانژېلىس، سان فىرانسىسكو، نيۇ يورك، ۋاشىنگتون، مىئامى قاتارلىق ئامېرىكىدىكى 27 شەھەردە ABC نىڭ جۇڭگولۇقلارنى ھاقارەتلەيدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر