باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى (3)

2013.11.13 15:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئومۇمىي نىشان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، دېموكراتىك سىياسىي، ئىلغار مەدەنىيەت، ئىناق جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بارلىق ئەمگەك، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە كاپىتالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىدىغان بارلىق مەنبەنى تولۇق قېزىپ، خەلقنى تەرەققىيات مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى بازار سىستېمىسى، ماكرولۇق تەڭشەش سىستېمىسى، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلى، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت مىخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئامىمىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى، زامانىۋى مەدەنىيەت بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى زىچ چۆرىدەپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ساھەدىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ھەم ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش، بايلىقتىن تېجەشلىك پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى تۈزۈلمە، مىخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىدەك زامانىۋى قۇرۇلۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەم سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەۋقەنى جەزمەن ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەمەلىيەتكە، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىستېراتېگىيەلىك ھۆكۈمگە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا قويۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، يادرولۇق مەسىلە – ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچلۇق رولغا ئىگە قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئەمەلىيىتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇھىمى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بېكىنمە، قاتمال كونا يولدا، ئاسانلا بايراقنى ئۆزگەرتىدىغان بىدئەت يولدا ماڭماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئىسلاھات توغرا يۆنىلىشىگە باشتىن – ئاخىر كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ، چەت ئەلنىڭ پايدىلىق تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خوجايىنلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا تايىنىپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، شەخسنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈرەكلىك بولۇپ قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئىنچىكە كۆزىتىپ ئىش كۆرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرىنى بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىقىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2020 – يىلىغا بارغاندا، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجە قازىنىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر