باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ

2013.11.13 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھازىر، ئۇ ھەر ئايدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1450 پوند ستېرلىڭ قىممىتىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئېرىشىدۇ، ئۆي ئىجرا ھەققىنى چىقىرىپ تاشلىغاندا، ھەر ئايدا ئۇنىڭ قولىغا يەنە 1000 پوند ستېرلىڭ پۇل ئاشىدۇ ھەمدە ئاپتورنىڭ ئائىلىسىدىكى تۆت جان ئادەمنىڭ ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلى چىقىمى 800 پوند ستېرلىڭدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ».

  مىكوربىلوگقا ئەنگلىيىدىكى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەپسىلاتلار تۆۋەندىكىچە ئىكەن:

  ئەنگلىيە: كەسىپ يىللىق كىرىمى بولسا ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى

  ئەنگلىيە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مىنىستىرلىقىنىڭ 2012-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق قىممەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى ئەنگلىيىدە جەمئىي 130 مىڭ ياشانغان ئادەم ھەر ھەپتە يەتتە پوند ستېرلىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە 130 مىڭ ئادەم ھەر ھەپتە 200 پوند ستېرلىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ ئاستىدا، پېنسىيىگە چىققۇچىلار ھەر يىلى بىر قەدەر يۇقىرى سوممىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

  نۆۋەتتە ئەنگلىيىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دۆلەت ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پىلانى، كەسىپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پىلانى ۋە شەخس ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پىلانى قاتارلىقلارنى ئاساسى تەركىب قىلغان.

  گېرمانىيە: «ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى» نىڭ تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈش گېرمانىيىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمى قانۇنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى، شىركەت ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى ۋە شەخس ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى قاتارلىق ئۈچ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كەينىدىكى ئىككى تەركىب بولسا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى تولۇقلاش دەپ ئاتىلىدۇ.

  ئامېرىكا: ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۈچ تەرەپ ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ

  ئامېرىكىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە شەخس قاتارلىق ئۈچ تەرەپ ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىكى مەبلەغنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى خىزمەتچى خادىملار ئىگە بولغان پۇلنىڭ بىر قىسمى «ئىجتىمائىي كاپالەت بېجى» سۈپىتىدە ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ، پېنسىيىگە چىققۇچىلار، مېيىپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاپىئاتلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، خىزمەت ئورنىدىكىلەر پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنىڭ ئىچىدىن مۇناسىپ بولغان پاراۋانلىققا ئېرىشەلەيدۇ.

  بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولۇدىكى ھەر قايسى تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئاكتىپ تەرەپنى ئۆرنەك قېلىش ناھايىتى ياخشى ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر