باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى (4)

2013.11.13 15:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي يىغىندا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىرقى بازار سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي يېڭى تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ ئايلىنىشىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش تەكىتلەندى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىك بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدە بولمىغان ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنى قىلچە تەۋرەنمەي پۇختىلاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ سۇبيېكتىپلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي مەدەت بېرىپ، قوللاپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋىلاشقان كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىردەك ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار سىستېمىسىنى قۇرۇش بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىنىڭ ئاساسى. كارخانىلار ئىگىلىكىنى مۇستەقىل باشقۇرىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، ئىستېمالچىلار ئەركىن تاللايدىغان، مۇستەقىل ئىستېمال قىلىدىغان، تاۋار بىلەن مۇھىم ئامىل ئەركىن يۆتكىلىدىغان، باراۋەر ئالماشتۇرىدىغان زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، بازار قۇرۇقچلىقىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، بايلىق تەقسىمات ئۈنۈمى ۋە ئادىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا بازار قائىدىسىنى ئورنىتىپ، ئاساسلىقى بازار باھانى بەلگىلەيدىغان مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزىلار بىر گەۋدىلەشكەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەر بازىرىنى بەرپا قىلىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىلمىي، ماكرولۇق تىزگىنلەش ۋە تەڭشەش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىشى ئۈنۈملۈك بولۇش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنىڭ ئىچكى تەلىپى. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەش سىستېمىسىنى پۇختىلاپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەت تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مالىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم تۈۋرۈكى، ئىلمىي مالىيە – باج تۈزۈلمىسى بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازار بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈزۈم كاپالىتى. قانۇن چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، باج يۈكىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، خامچوتنى ئاشكارىلاپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى مالىيە – باج تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ھوقۇقى بىلەن چىقىم مەسئۇلىيىتى ماسلاشتۇرۇلغان تۈزۈم ئورنىتىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر – يېزا ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسى شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان ئاساسلىق توسالغۇ. تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان، شەھەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەيدىغان، ئىشچى – دېھقانلار ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، شەھەر – يېزىلار بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە ئىشچى – دېھقانلار، شەھەر – يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنى باراۋەر بولغان زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە قاتناشتۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى بېرىپ، شەھەر – يېزا ئامىلىنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش ۋە جامائەت بايلىقىنى ئورتاق تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ ساغلام تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىدەك يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىم ئامىلىنى تەرتىپلىك يۆتكەپ، بايلىقنى ئۈنۈملۈك تەقسىملەپ، بازارنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش، قاتنىشىش بىلەن خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رىقابىتىگە قاتنىشىش ۋە ئۇنى جەلپ قىلىشتەك يېڭى ئەۋزەللىكنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز بويى رايونلىرىنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، ج ك پ رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دېموكراتىك شەكىللەرنى بېيىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى تېزلىتىپ، دېموكراتىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇشتا، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوقۇم چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوت قىلىش ھوقۇقى، تەپتىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەدلىيە ھوقۇقى ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئەدلىيە كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھوقۇق، خىزمەت ۋە ئادەمنى تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نازارەتچىلىك ھوقۇقى بېرىش، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈش ھوقۇقنى تىزگىنلەشتىكى ئاساسىي تەدبىر. تەدبىرلەر ئىلمىي، قەتئىي ئىجرا قىلىنىدىغان، نازارەتچىلىك ئۈنۈملۈك بولغان ھوقۇق ھەرىكىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، چىرىكلىشىشنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاك سىياسەت بەرپا قىلىپ، كادىرلار دىيانەتلىك، ھۆكۈمەت پاك، سىياسىي ئاشكارا بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھوقۇق چەكلەش ۋە كېڭىشىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە تۈزۈلمىدە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى نورماللاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، جەزمەن سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا، خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بازار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئىجتىمائىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قانائەتلەندۈرۈش كېرەك. مائارىپ ساھەسىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈزۈلمە مىخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك كىرىم تەقسىماتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، تېببىي دورا، سەھىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەمئىيەتنى تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىشتا، جەزمەن خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناقلىق ئامىللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەتنى تۈزەش شەكلىنى يېڭىلاپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ھەل قىلىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى تەسىس قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر