باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە جۇڭگودىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالمايدىغاندەك قىلىدۇ(1)

2013.11.12 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە تېخنىكا ئانالىز قىلىش مەركىزى تور بېكىتى 29 – ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى يىراق مۇساپىلىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىنى 2014 – يىلى 31 – يانۋارغىچە سۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ 26 – سېنتەبىر جۇڭگونىڭ HQ-9 (قىزىل بايراق ـ 9) ناملىق ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋېلىش قارارىنى بىكار قىلغانلىقى، شۇنداقلا، قايتا خېرىدار چاقىرماقچى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا ئۇچۇر تورى 30 – ئۆكتەبىر فىرانسىيە مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سۆھبىتى مەغلۇپ بولسا، تۈركىيە يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا قايتا خېرىدار چاقىرىدىكەن.

  جامائەتچىلىكنىڭ پەرىزىچە، تۈركىيە ئامېرىكا، شۇنداقلا ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاچقا قارارىنى ئۆزگەرتكەن.

  جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشماقچى بولغان ئۈچ شىركەتكە خېرىدار چاقىرىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. جۇڭگو نازۇك ماشىنا ـ ئۈسكۈنە ئىمپورت – ئېكسپورت شىركىتىنىڭ «قىزىل بايراق ـ 9 » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە ياۋروپانىڭ «Aster 30» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى داۋاملىق رىقابەتكە چۈشىدىكەن. رۇسىيە خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  فىرانسىيە مېدىيالىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى مۇنداق دېگەن: سودا تېخى پۈتمىدى. ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ياخشى بولسا، تۈركىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى تۈركىيەگە بەكرەك ماس كېلىدىغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى باھالايدۇ. تۈركىيە رۇسىيەنىڭ شىركەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان جۇڭگو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە چىقارغان قارارى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ھېچكىم تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل سىياسىتىگە ئارىلىشالمايدۇ.

  ئابې شىنزو تۈركىيەنى جۇڭگودىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالماسلىققا كۆندۈرۈشى مۇمكىن.

  ئابې شىنزو تۈركىيەنى جۇڭگودىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالماسلىققا كۆندۈرۈشى مۇمكىن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 28 – ئۆكتەبىر تۈركىيەگە يۈرۈپ كەتتى. ياپونىيە مېدىيالىرى مۇنداق دېدى: ئابې شىنزونىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشىدىكى مەقسەتلىرىنىڭ بىرى تۈركىيەنى جۇڭگودىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالماسلىققا كۆندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئابې شىنزو شۇ كۈنى تۈركىيەگە يۈرۈپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ يېرىم يىل ئىچىدە تۈركىيەنى 2 – قېتىم زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئابې شىنزونىڭ تۈركىيەگە ئاسىيا – ياۋروپا دېڭىز ئاستى تونېلىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئابې تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت ئېلىش بىلەن بىرگە، يەنە تۈركىيەنى جۇڭگودىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالماسلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر