خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-نۆۋەتلىك «ئىكساق لوڭقىسى» بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 2- ۋە 3-كۈنلىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەيدانىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەشكىللەپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 20 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 16 كوماندا قاتنىشىپ، ئىككى كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقە ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتى بىلەن بېيجىڭ سودا-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى، بېيجىڭ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى قاتارلىق تۆت كوماندا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
11-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتى بىلەن بېيجىڭ سودا سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسىنى يېڭىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ياردەمچىسى ۋىدات مۇئەللىم، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ناخشىچى روزى ھامۇت مۇسابىقىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن كوماندىلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلىدى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلار تۆۋەندىكىچە: بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ، جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ تەبئىي پەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، جۇڭگو يېزا ئېگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى، بېيجىڭ خېمىيە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ، بېيجىڭ جىلى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى كوماندىسى ، تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ جۇڭيى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى، مەركىزىي تىياتىر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ سودا-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى، مەركىزىي مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى، بېيجىڭ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى قاتارلىقلار.
«ئىكساق» سۆزى بىر كەنتنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئىكساق كەنتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدا بولۇپ، داڭلىق پۇتبول كەنتى. كەنتنىڭ تارىخىي ماتىرىياللىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، 1885-يىلىلا پۇتبول مەدەنىيىتى بۇ يەردە تۇنجى ئىزىنى قالدۇرغان. 1927-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يېزىسىدا، ئىكساق دېھقانلار پۇتبول كوماندىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئەنگىلىيە كونسۇلخانا كوماندىسىنى، 0 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن شۋېتسىيە مىسسىيونىرلار كوماندىسىنى يېڭىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقى تارىخىدا شانلىق بىر ئىز قالدۇرغان. (سۈرەتلەرنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇرسۇنجان تەمىنلىگەن).
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى