10 – ئۆكتەبىر چۈشتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «گۇچۇڭ» يولىدىكى «ئابدۇراھمان قەشقەر ساڭزىلىرى» دۇكىنى ئالدىدا بۇ كوچىدىكى داڭلىق ساڭزىچى ئابدۇراھمان مامۇت ساڭزا سېلىش بىلەن ئالدىراش بولسا، ئايالى خېرىدارلارغا ساڭزا سېتىش بىلەن، ئۆي ئىچىدە بولسا 10 غا يېقىن ئادەم زاڭزا ئېشىش، خېمىر يۇغىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
ـــ تۈنۈگۈندىن باشلاپ ساڭزا سېتىۋالىدىغانلار خېلى كۆپىيىشكە باشلىدى، بۈگۈن ساڭزا سېلىشقا 200 كلىوگرام ئۇن يۇغۇردۇق، 12 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ كۈنىگە 500 كىلوگرامدىن ئۇن يۇغۇرمىساق خېرىدارلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققىلى بولمايدۇ، - دېدى ئابدۇراھمان ساڭزا سېلىش ئالدىراشچىلىقىدا ماڭا چۈشەندۇرۈپ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل ساڭزىنىڭ ھەر كىلوگرامى ئاساسەن 22 يۈەن ياكى 23 يۈەندىن بولۇپ، بۇ باھا بۇلتۇرقىدىن بىر يۈەندىن ئۆرلىگەن.