شۇ كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈرۈمچى، تۇرپان، سانجى شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەر ۋە رايوندا قۇربان ھېيت مۇناسىۋېتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھۆكۈمەت زاپاس گۆشى ئامبىرىدىكى گۆشلەر بازارغا سېلىنغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم «تۆۋەن كىرىملىك ئاممىغا گۆش تەمىنلەش كۆزنىكى» تەسىس قىلىنغان، ئاپتونوم رايون بويىچە 900 مىڭ پارچە گۆش بىلەن تەمىنلەش بېلىتى تارقىتىلغان، تۆۋەن كىرىملىكلەر بۇ بېلەت بىلەن گۆش باھاسىنى يەنە 5 يۈەندىن ئەرزانلىتىپ سېتىۋالغان.
ـــ بۇ قېتىم بازارغا 3 مىڭ توننا يېڭى گۆش سېلىندى،- دېدى نەق مەيداندا خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى پەرھات ئابدۇقادىر ماڭا،-10 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ 22 شەھەر ــ ناھىيە ۋە رايوندىكى 107 سېتىش نۇقتىسىدا ھۆكۈمەت زاپىسى گۆشى 14 - ئۆكتەبىرگىچە سېتىلىدۇ، گۆش باھاسى ھەر كىلوگرامى 44 يۈەندىن بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا گۆشكە ھۆكۈمەت 6 يۈەندىن، شىمالىي شىنجاڭدا 4 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىدۇ. قالغان 53 ناھىيە ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ گۆش باھاسىنى تەڭشەيدۇ.