باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئاشقازان قىسقارتىش ئوپېراتسىيەسى قىلغۇزغان ئەڭ كىچىك بىمار ئورۇقلىدى

2013.09.27 10:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەيۋەن «جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىككى ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 33 كىلوگىرامغا يېتىپ، ساغلاملىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقتىن، ئاشقازان قىسقارتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، دۇنيادىكى ئاشقازان قىسقارتىپ ئورۇقلاش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ئەڭ كىچىك بىمار بولۇپ قالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ بالىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقى ئۈچ كىلوگىرام بولۇپ، ئالتە ئايلىق بولغاندا تۇيۇقسىز سەمىرىشكە باشلىغان، 14 ئايلىق بولغاندا ئاتا-ئانىسى ئەنسىرەپ ئۇنى تۇنجى قېتىم دوختۇرخانىغا ئاپارغان، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 21.3 كىلوگىرامغا، بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچى (BMI) نىڭ ئەڭ يۇقىرىسى 41 گە يەتكەن. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆت ئاي تاماقتىن پەرز تۇتقاندىن كېيىن، بۇ بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى چۈشمەستىن، ئەكىسچە سەككىز كىلوگىرام ئېغىرلاپ كەتكەن.

  2010-يىلى، ئۇ گەرچە ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بەدەن ئېغىرلىقى 33 كىلوگىرامغا يەتكەچكە، دوختۇرلار ئاشقازان قىسقارتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى قارار قىلغان. دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەزەلدىن بۇنداق كىچىك بىمارنى ئاشقازان قىسقارتىش ئوپېراتسىيە(LSG) قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، بىراق بەختكە يارىشا، بۇ بالىنىڭ ئوپېراتسىيەسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان. ئوپېراتسىيە قىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى %15 چۈشكەن، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقى 24 كىلوگىرامغا چۈشۈپ، BMI كۆرسەتكۈچىمۇ نورماللاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر