خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئۆكتەبىر، جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى چېگرا ھالقىغان ئالاھىدە زور تېلېگراف ئالدامچىلىق دىلوسىغا سوت ئاچتى. بۇ دىلوغا چېتىشلىق جاۋاپكار 95 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتىسى كورېيەلىك. ئۇلار چېتىشلىق ئالدامچىلىق دىلولىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى بىر قېتىملىقىنىڭ سوممىسى 13 مىليون 190 مىڭ يۈەن بولغان.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر