باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بو شىلەينىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلدى

دېلو ئىككىنچى سوت تەرتىپىگە كىردى

2013.10.10 19:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2013-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى جاۋابكار بو شىلەينىڭ پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقارغان. سوت يېپىلغاندىن كېيىن، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش مۆھلىتى ئىچىدە، بو شىلەي بىرىنچى سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. 8-ئۆكتەبىر نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئەرزنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان.

  22-سېنتەبىر، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سابىق ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى بو شىلەينىڭ پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقارغان، بو شىلەيگە پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىش ھەم بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش؛ خىيانەت قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ھەمدە 1 مىليون يۈەن شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش؛ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 7 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن؛ بىرقانچە جىنايىتىنى قوشۇپ جازالاپ، ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارار قىلىنغان.

  (لى نەننەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر