باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى روھانى يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئىسرائىلىيە تەنقىدلەش پوزىتسىيەسىدە بولدى(1)

2013.10.10 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى روھانىي سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يەھۇدىيلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا زور قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ناتسىستلارنىڭ جىنايى ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى. روھانىينىڭ پوزىتسىيىسى بۇرۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكىدىن زور پەرقلىنىدۇ. سىرتتىكىلەر بۇ ئىسرائىلىيەگە دوستلۇق سىگنالى بەرگەنلىك دەپ ھېسابلىدى. ئەمما ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: روھانىينىڭ سۆزى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى سوغۇققانلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، بۇ رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان كۆز قاراش.

  روھانىينىڭ يەھۇدىيلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا قارىتا بىلدۈرگەن ئىپادىسىنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت تەرەپتىن تارتىپ تاراتقۇلارغىچە ھەممىسى ئەيىبلىدى. ئىسرائىلىيەلىكلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىران 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. ئىسرائىلىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت مىنىستىرى سىتەينىس ئىسرائىلىيە ئاممىۋى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: روھانىي «گەرچە چوڭ قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما چوڭ قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلىمىدى. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى زىۋ يىپكىم باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەجەبا چوڭ قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى ئالدىن كۆرەر دەپ ماختاش كېرەكمۇ؟ شۇنداقلا ئۇنى مەلۇماتلىق قىزغىن كىشى دېيىش كېرەكمۇ؟ ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن ھېچقانداق ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى چوڭ قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغان ئىراننىڭ مەنىۋى رەھبىرى يەنىلا تەختتە.

  بەزى ئىسرائىلىيە ئوبزورچىلىرى مۇنداق دېدى: روھانىينىڭ ئىپادىسى ئالدىنقى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەخمەد نىجاد بىلەن ئوخشىمايدۇ، بۇ ئىراننىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىنمۇ دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەلىيەتتىن كېيىن، روھانىي ئارقىدىلا ئىسرائىلىيە بۇنىڭلىق بىلەن پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالماسلىقى كېرەك دەپ ئەيىبلىدى. بۇنىڭدىن باشقا بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە روھانىي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېرىشتىن بۇرۇن ئىراندا «ئىسرائىلىيەنى يوقىتىش» شوئار قىلىنغان ھەربىي پائالىيەتكە قاتناشقان، دېيىلدى. بۇ ئىراننىڭ ئاخىرقى نىشانىنى تولۇق چۈشەندۈرمەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر