- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېنگلېر بىلەن خىگس 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2013.10.10 00:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، فىزىكا مۇكاپاتى ئەسلىي بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن بىر سائەت كېچىكىپ ئېلان قىلىندى. بېلگىيەلىك نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى فىرانكوس. ئېنگلېر بىلەن ئەنگلىيە نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى پېتېر. ھىگگس ھىگگس بوسونسى توغرىسىدىكى نەزەرىيەۋى بىشارىتى ئۈچۈن مۇكاپاتلاندى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاقىل ئۇچۇرى تەمىنلىگۈچى سودىگىرى توۋنېندرېۋتېرنىڭ ئىلمىي ماقالىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلگەن قېتىم سانى ۋە باشقا ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئانالىز قىلىپ تۈزگەن «تەسىرى ئەڭ زور نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىرى» ئىسىملىكىدە، قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى پىلانتلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىلىق ئاسترونوم جېفرۇەن ماشى، شۋېيتسارىيەلىك ئاسترونوم مىچىل مايور، شۋېيتسارىيەلىك ئاستىرنوم دەدلېر كۋرۇز ۋە تۆمۈر رادكالى سۇپىر ئۆتكۈزگۈچنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيەلىك ماتېرىيال پەن-تېخنىكا ئالىمى شيې شىشيۇڭ نامزات قىلىپ كىرگۈزۈلگەن. جۇڭگو ئالىملىرىدىن تېخى نامزاتلىققا كىرگۈزۈلگىنى يوق.
مالى، پراكتىكانت ۋاڭ چيۇڭ، گې لېي خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر